باش بەت > خەۋەرلەر > يانفۇن خەۋەرلىرى

«يانفون شاھى» S23 Ultraنىڭ باھاسى بىراقلا 3000 يۈەن چۈشتى!

يانفۇن خەۋەرلىرىخىيال2023-10-26 16:41:14A+A-

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «قوش 11» تور سودا تەشۋىقاتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن يانفون زاۋۇتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باھا چۈشۈرۈش ئېتىبارىنى يولغا قويدى.

25.jpg

سامسۇڭ ئورگان تەرەپ تور سودا شەھەرچىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە سامسۇڭنىڭ بايراقدار يانفونى S23 Ultraنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن چۈشۈرۈلگەن.

26.jpg

بۇنىڭ ئىچىدە S23 Ultraنىڭ 8GB+256GBلىق نۇسخىسى 8999 يۈەندىن 5999 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ،باھا چۈشۈش نىسبىتى ھەقىقەتەن چوڭ. سامسۇڭ S23 Ultraنىڭ باشقا نۇسخىلىرىدىمۇ ئېتىبار بار، مەسىلەن 12GB+256GBلىقى 7299 يۈەنگە، 12GB+512GBلىقى 8299 يۈەنگە چۈشكەن.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، سامسۇڭ جىڭدۇڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ئورگان تەرەپ بايراقدار دۇكىنىدىمۇ بۇ خىل ئېتىبار بار، يانفون ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بارلار چۈشىنىپ باقسا بولىدۇ.

26-1.jpg

سامسۇڭ Galaxy S23 يۈرۈشلۈكى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، S23+، S23 ۋە S23 Ultraدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يانفون تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«يانفون شاھى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، S23 Ultraنىڭ ئاساسىي كامېراسى 200 مىليون پېكسىللىق ئەڭ يېڭى سامسۇڭ S5KHP2 سېنزورىغا يېڭىلانغان، سېنزور ئۆلچىمى 1/1.3 دىيۇم، يەككە پىكسېل ئۆلچىمى 0.6 مىكرومېتىر بولۇپ، OIS ئوپتىكىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ۋە PDAF فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.

26-2.jpg

بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۇۋالكومنىڭ 2-ئەۋلاد سىناپدىراگون 8 ئۆزىكىنىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى سەپلەنگەن، يەككە X3 چوڭ يادروسىنىڭ چاستوتىسى ئۆلچەملىك نۇسخىسىدىكى 3.2GHzدىن 3.36GHzغا ئۆستۈرۈلگەن. Adreno 740 GPU چاستوتىسى 680MHzدىن 719MHzغا تېزلىتىلگەن بولۇپ، GPU، NPU ئىقتىدارى ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا %40 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن دەپ تەرىپلەنگەن.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!