Adobe Photoshop2025 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
Adobe شىركىتى 2024-يىلى 10-ئايدا ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى Photoshop CC 2025 ئېلان قىلدى ( بۇ دەل كۆپچىلىك دەۋاتقان 26-نەشىرى شۇ). بۇ يېڭى نەشىرىدە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىقتىدار كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تەكشىلىك لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. شەكىل ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتىكى داڭلىقى بولغان Photoshop نىڭ قوللىنىلىشى ئاللىقاچان «سۈرەت تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى»دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، سۈرەت سىكاننېرلاش، ئېلان ئىجادىيىتى، نەشر قىلىش، لايىھەلەش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
PhotoshopCC 2025 يۇمشاق دېتالىنىڭ ھەجىمى 3.5 GB بولۇپ، Windows سىستېمىسىنى قوللايدۇ، بۇ يۇمشاق دېتال ئىلگىرىكى نەشرىدىكى كىلاسسىك ئىقتىدارنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، يەنە ئىلغار AI تېخنىكىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ سۈرەت تەھرىرلەش تەسىراتىنى ئۆستۈردى.
بۇ يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى Adobe نىڭ لايىھەلەش كەسپىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىجادىي ئېھتىياجىغا ماسلىشىش جەھەتتىكى ئۆتكۈر كۆزىتىشى ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەپەككۇرىغا سىمۋول قىلىنغان.
يېڭى نۇسخىدىكى Photoshop ھېسابلاش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىن قارشىلىشىش تورى ( GAN ) ھاسىل قىلىشقىچە بولغان كۆپ خىل AI تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، سۈرەت تەھرىرلەشنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى.
مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللاش قورالى تاللاش رايونىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، ئابۇنىچىلار مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈش ياكى ئىنچىكە ھالقىلارنى تېخىمۇ ئاسانلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھاسىللاش شەكلىدىكى تولدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشى سۈرەتنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى ۋە مەزمۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ تەبىئىي قىلدى، ئابونت نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئىلگىرى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۈنۈمنى تاماملىيالايدۇ.
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، بۇ دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيلى:
Adobe Photoshop PS2025 v26.0 永久免费 特别版-办文绿软
يۇقارقى ئادرىسغا كىرىپ، چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن قاچىلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، نورمال قاچىلاڭ.
ئاندىن ئاخىرىدىدا ھەقلىق نۇسخىسىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش قۇرالىنى ئىشلىتىپ 破解 قىلىپ نورمال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- AI دا ئۈچ ئۆلچەملىك خەت ياساش
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- Photoshop2019 قا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش
- ھۆسىنخەتلەردىن ئۆرنەكلەر
- قايسى ماركىدىكى U دېسكا ئەڭ ياخشى؟
- PS دە JPEG شەكلىدە رەسىم ساقلاشنىڭ قانۇنىيىتى
- QQ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ چۇڭايتىلغان ئوچۇق نۇسخىسى
- Excel دا ئورۇندىلىنىش نىسبىتى تاياقچىسى ھاسىل قىلىش فونكىسيەسى
- مىكروسوفت شىركىتى ئىستېمالچىلار نۇسخىسى 2024-يىللىق Micrsoft Ofice نى ئېلان قىلدى
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش
- توي رەسىم قېلىپلىرى