ۋىۋو يانفونىغا ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ئىقتىدارى قوشۇلدى
ھازىر يانفون بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئاپتوموبىللار يانفون ئارقىلىق قۇلۇپىنى ئېچىش، يانفون ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىشنى قوللاپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
vivo ئورگان تەرەپ تۈنۈگۈن vivo يانفونىغا رەقەملىك ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ئىقتىدارى سەپلەنگەنلىكىنى، ھازىر لىشىياڭنىڭ بارلىق ئاپتوموبىل تىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لىشىياڭ (理想) ئاپتوموبىلى vivo رەقەملىك ئاپتوموبىل ئاچقۇچىغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەر يانفونىنى ئېلىپ ئاپتوموبىلغا يېقىنلاشسىلا قۇلۇپنى ئاچالايدۇ، ئاپتوموبىلدىن يىراقلاشسىلا ئاپتوموبىل قۇلۇپى تاقىلىدۇ.
يانفوندىكى ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يىراق - يېقىندىن ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
vivo نىڭ بۇ ئىقتىدارنى قوللايدىغان يانفون تىپلىرى: vivo X Fold، vivo X Flip يۈرۈشلۈكى، vivo X يۈرۈشلۈكى، vivo S يۈرۈشلۈكى، iQOO يۈرۈشلۈكى، NEX يۈرۈشلۈكى ( Android نۇسخىسى 10.0 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك ) قاتارلىقلار.
بۇ يىل 2-ئايدا، vivo ئورگان تەرەپ ۋىۋو يانفوننىڭ رەقەملىك ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ئىقتىدارىنىڭ ۋېيلەي ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەنلىكىنى، ۋىۋو يانفونى ئارقىلىق ۋېيلەي ئاپتوموبىلنىڭ قۇلپىنى ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان winrar 6.4
- زاۋۇت نۇسخىسىدىكى زەرەتلىگۈچ بىلەن ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچنىڭ پەرقى
- «يانفون شاھى» S23 Ultraنىڭ باھاسى بىراقلا 3000 يۈەن چۈشتى!
- AI دا ئۈچ ئۆلچەملىك خەت ياساش
- كۆركەم ھۆسىنخەتلەر
- چاۋشەن ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قىزىل يۇلتۇز 3.0 نى چىقاردى
- راھەت يانفۇن تەگلىكلىرى
- IPhone15 نىڭ قىززىپ كىتىش مەسىلىسىنى دىتال يېڭىلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى
- توغراق مەنزىرىسى
- شىنجاڭ يايلاق مەنزىرىسى
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەگلىكلەر
- PS دە ئوت يالقۇن خەت ياساش