قايسى ماركىدىكى U دېسكا ئەڭ ياخشى؟
U دېسكا بولسا ھازىرقى زامان كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ قۇلايلىق ھۆججەت كۆچۈرۈش ۋاستىسى، ھازىرقى زامان كىشىلەر U دېسكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر بازارلاردا تۈرلۈك ماركىلار كۆپ، سۈپىتى بىر بىرىگە قارىغاندا پەرىقلىنىدۇ. بىر قىسىم «ئەرزان مالنىڭ شورپىسى» غا ئۇچراپ قېلىپ، ھۆججەتلىرىنى يوقىتىپ قويىۋاتقانلارمۇ ھەم ئاز ئەمەس.
U دېسكىنىڭ بىر قانچە پارامىتىرلىرى:
سىغىم: سىغىم جەھەتتە 8GB دىن 250GB گىچە بولغان (ئۇنىڭدىن يۇقىرلىرىمۇ ھەم بار) سىغىمدىكىلەر بار. بىر قىسىم U دېسكىنىڭ ھەتتا 1024GB لىقلىرىمۇ بار، بۇنداق چوڭ سىغىمدىكى U دېسكىنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ، ھەتتا ساختا چىقىشىمۇ مۇمكىن.
سۈرئىتى: ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى بولسا U دېسكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر پارامىتىر. ھازىر كەڭ كۈلەمدە ئومۇملىشىۋاتقىنى بولسا 3.0 نۇسخىسىدىكى ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى.
چىدامچانلىقى: سىلكىنىش ۋە سۇ ئۆتۈپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولسا U دېسكا ئۈچۈن مۇھىم تاللاش ئامىلىنىڭ بىرى.
ماسلىشىشچانلىقى: U دېسكا بىلەن سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: USB Type - A ۋە ياكى Type - C تىپلىق چېتىلىش ئېغىزى
ماركىسى: داڭلىق ماركىلىق U دېسكىنى تاللاشنى ئادەت قىلىڭ، بولمىسا ھۆججەتلىرىڭىز يوقاپ كىتىشى مۇمكىن.
تەۋىسيىلىك ماركىلار:
金士顿(Kingston) : بولسا DataTraveler يۈرۈشلۈكى بىلەن داڭلىق، كۆپ خىل سىغىم ۋە سۈرئەت تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىقتىدارى مۇقىم.
闪迪(SanDisk) : بولسا Cruzer يۈرۈشلۈك U دىسكىسى ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئوقۇلۇشى ۋە مودا لايىھەسى بىلەن ياخشى باھاغا ئېرىشتى
铠侠(ADATA) : بولسا UV يۈرۈشلۈك U دىسكىسى بىلەن داڭلىق، ياخشى ئىقتىدار ۋە يېڭىلىق يارىتىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
西部数据(WD): بولسا My Passport يۈرۈشلۈك U دىسكىسى چوڭ سىغىمچانلىقى ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە يەتكۈزۈلۈشى بىلەن كەسپىي ئابۇنىچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
三星(Samsung) : بولسا Bar يۈرۈشلۈك U دىسكىسى ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئوقۇلۇشى، يېزىلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ساقلاش ئۆزىكى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشتى
ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتىكى تەۋىسيىلىك U دېسكا:
ئىشخانا مۇھىتى: 金士顿DataTraveler、闪迪Cruzer قاتارلىق ماركىدىكى U دېسكىلار بىر قەدەر ياخشى ئوقۇش سۈرئىتى ۋە قايتا ئىشلىتىلىشچانلىقى بىلەن داڭلىق.
ئۈگىنىش مۇھىتى: 铠侠UV系列、三星Bar ماركىلىق U دېسكىلار ماس كىلىدۇ.
سىرىتتا ئىشلىتىش مۇھىتى: 闪迪Cruzer بولسا دائىم سىرتتا ئىشلىتىشكە بىر قەدەر ماس كىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- «يانفون شاھى» S23 Ultraنىڭ باھاسى بىراقلا 3000 يۈەن چۈشتى!
- دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin
- PS دە JPEG شەكلىدە رەسىم ساقلاشنىڭ قانۇنىيىتى
- QQ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ چۇڭايتىلغان ئوچۇق نۇسخىسى
- Excel دا ئورۇندىلىنىش نىسبىتى تاياقچىسى ھاسىل قىلىش فونكىسيەسى
- مىكروسوفت شىركىتى ئىستېمالچىلار نۇسخىسى 2024-يىللىق Micrsoft Ofice نى ئېلان قىلدى
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش
- توي رەسىم قېلىپلىرى
- قىزلار كىيىم ۋە چاچ قېلىپلىرى
- ئاياللار كىنىشكا قېلىپلىرى
- ئەرلەر ھازىرقى زامان كىيىم قېلىپلىرى