سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى
ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى Onleaks يېقىندا سامسۇڭ +Galaxy S24نىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، بۇ يانفوننىڭ سانائەت لايىھەسى Galaxy S24 بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، رازمېرى ئاشۇرۇلغان.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، +Galaxy S24نىڭ ئېكران چوڭلۇقى 6.7 دىيۇم، يانفون گەۋدىسىنىڭ ئايلانمىسى 158.5×75.9×7.7 مىللىمېتىر. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، Galaxy S24نىڭ رازمېرى 147×70.6×7.6 مىللىمېتىر.
رەقىبى iPhone 15 Plus بىلەن سېلىشتۇرغاندا، +Galaxy S24 تېخىمۇ يېنىك ۋە نېپىز، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 195 گىرام، iPhone 15 Plusنىڭ ئېغىرلىقى بولسا 201 گىرام، قېلىنلىقى 7.8 مىللىمېتىر. نېپىز ۋە يېنىك يانفون گەۋدىسى ئاستىدا، سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونىنىڭ ئىچىگە 4900mAhلىك چوڭ باتارېيە قىستۇرۇلغان بولۇپ، iPhone 15 Plusنىڭ 4383mAhلىك باتارېيەسىدىن خېلىلا چوڭ.
يادرولۇق سەپلىمىسىدە، سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونىغا كۇۋالكوم سىناپدىراگون
8Gen3 كۆچمە سۇپىسى سەپلەنگەن، بۇ ئۆزەك TSMCنىڭ N4P ھۈنەر-سەنئىتى
ئاساسىدا ياسالغان، CPU قىسمى بىر دانە 3.19GHzلىق X4 يادرو، بەش دانە
2.96GHzلىق A720 يادرو ۋە ئىككى دانە 2.27GHzلىق A520 يادرودىن تۈزۈلگەن،
GPU تىپى Adreno 750.
نۆۋەتتە سامسۇڭ +Galaxy S24 يانفونى 3C دەلىللىشىدىن ئۆتتى، 45Wلىق سىملىق
تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، كېلەر يىلى 1-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان winrar 6.4
- زاۋۇت نۇسخىسىدىكى زەرەتلىگۈچ بىلەن ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچنىڭ پەرقى
- «يانفون شاھى» S23 Ultraنىڭ باھاسى بىراقلا 3000 يۈەن چۈشتى!
- AI دا ئۈچ ئۆلچەملىك خەت ياساش
- كۆركەم ھۆسىنخەتلەر
- چاۋشەن ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قىزىل يۇلتۇز 3.0 نى چىقاردى
- راھەت يانفۇن تەگلىكلىرى
- IPhone15 نىڭ قىززىپ كىتىش مەسىلىسىنى دىتال يېڭىلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى
- توغراق مەنزىرىسى
- شىنجاڭ يايلاق مەنزىرىسى
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەگلىكلەر
- PS دە ئوت يالقۇن خەت ياساش