مىكروسوفت شىركىتى ئىستېمالچىلار نۇسخىسى 2024-يىللىق Micrsoft Ofice نى ئېلان قىلدى
مىكروسوفت ئىستېمالچىلار ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئىشلىتىدىغان Microsoft Ofice 2024 ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بىر خىل كىلاسسىك قوللىنىشچان دېتال، مۇشتەرى بولۇش ھاجەتسىز، بىر قېتىمدىلا سېتىۋالىدۇ، ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى Word، Exel، PowerPoint، OneNote ۋە Outlook نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، Windows ۋە macOS سىستېمىسىغا ماس كېلىدۇ.
مىكروسوفت بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈن Micrsoft ھېساباتى ۋە ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاش كېرەكلىكىنى، يېڭىلاشقا قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
Micrsoft Office 2024نۇسخىسى Windows 10، windows 11 ۋە ئۈچ خىل ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى macOS قاتارلىقلاردا نورمال ئىشلەيدۇ.
تۇنۇشتۇرۇش
Micrsoft Office 2024نى يېڭىلانغان ئابۇنىچىلار كۆرۈنمە يۈزىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، Fluent Design پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان.
كۆرۈنمە يۈز تېخىمۇ نەپىس بولۇپ، Windows 11 نىڭ كۆرۈش سېزىمى لايىھەسىگە ماسلاشتۇرۇلغان، بارلىق قوللىنىشچان پىروگراممىلار كۆرۈش سېزىمى ئۇسلۇبى ۋە مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزىدە بىرلىككە كەلگەن.
مىكروسوفت شىركىتى تۆۋەندىكى ئۆزگەرتىشنى تەكىتلىدى :
- 1.4 شەكلىنى قوللايدۇ
- Exel نىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرۇلدى.
- PowerPoint پىرويېكسىيە پىلاستىنكىسىغا ئاۋاز ۋە ۋىدېيو ھۆججىتىنىڭ ئېكران خېتى ئىقتىدارىنى قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى
- ئېلخەت، كالېندار ۋە ئالاقىلاشقۇچى ئارقىلىق ئىزدەش ئىقتىدارىنى ياخشىلىدى
ئاخىرىدا، Micrsoft Word نىڭ ھۆججەتنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پىروگرامما ياكى كومپيۇتېر تاسادىپىي بۇزۇلغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىدۇ.
كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۇ ئابونتنى سىستېما بۇزۇلغاندىن بۇرۇنقى ئورۇندا داۋاملىق خىزمەت قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
- Micrsoft Office ئائىلە نۇسخىسى ( 149.99 دوللار ) ئائىلىدە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، بىر PC ياكى Mac دىكى Word، Excel، PowerPoint ۋە OneNote غا ماس كېلىدۇ.
- Micrsoft Office ئائىلە ھەم سودا نۇسخىسىنىڭ 2024-يىللىق ( 249.99 دوللار ) دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى، ئائىلە نۇسخىسى قوللىنىلغاندىن باشقا، يەنە Outlook نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە سودا ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- Adobe Photoshop2025 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- VIVO Pad3 ئېلان قىلىندى
- Notepad++ نىڭ 2024-يىللىق نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە يېڭى ئىقتىدارلار
- «GTA6» ئويۇنى 10-ئايدا تارقىتىلىدۇ
- كىچىك، تۇتۇق رەسىمنى ئوڭشاش قۇرالى
- نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېردا C ، D دېسكا بار، A دىسكا ۋە B دىسكا قەيەرگە كەتتى؟
- C# دا كونتروللارنى ئۆزى بىكىتىش
- ئەڭ كۈچلۈك سېلىشتۇرۇش قۇرالى
- ھۆسىنخەتلەردىن ئۆرنەكلەر
- قايسى ماركىدىكى U دېسكا ئەڭ ياخشى؟
- PS دە JPEG شەكلىدە رەسىم ساقلاشنىڭ قانۇنىيىتى