باش بەت > ماقالىلەر > باشقا تېخنىكىلار

قاتتىق دىسكىنى توكقا چاتمىسا ھۆججەتلەر قانچىلىك ۋاقىت ساقلىنىدۇ؟

باشقا تېخنىكىلار小编2023-08-24 00:55:00A+A-

قاتتىق دېسكا كومپىيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلايدىغان مۇھىم ئۈسكۈنىسى، شۇنداقلا كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قاتتىق دېسكا مېخانىك دېسكا، ئۇيۇل دېسكا (SSD) دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

640.jpg

مېخانىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىدىغان ماگىنتلىق تەخسە بار، ئۇچۇرلار ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. يەنى بارلىق ھۆججەت، سانلىق مەلۇماتلارنى 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن ئىككىلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇپ، ماگنىتلاش ياكى ماگنىتسىزلاش ئارقىلىق ساقلايدۇ. شۇڭا مېخانىك قاتتىق دىسكىغا باشقا زەخمە يەتمىگەن ئەھۋالدا ئىچىدىكى ئۇچۇرلار 10 يىل ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچىرىماي نورمال ساقلىنىدۇ.

ئۇيۇل دېسكا (SSD، 固态硬盘) نىڭ ئۇچۇر ساقلاش پىرىنسىپى مېخانىك قاتتىق دېسكىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيۇل دېسكىنىڭ ماگنىتلىق تەخسىسى يوق. ئۇچۇرلار توك يولى تاختىسىغا زەرەتنى تۇتۇش ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. ئايلىندىغان مېخانىك قۇرۇلمىسى بولمىغاندىكىن ھۆججەت ئوقۇش، يېزىش سۈرئىتى مېخانىك قاتتىق دېسكىدىن كۆپ تېز. شۇڭا ئوخشاش بىر كومپىيۇتېردا سىستېمىنى ئۇيۇل دېسكىغا قاچىلىسا كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

640 (1).jpg

ئۇيۇل قاتتىق دېسكىنىڭ سۈرئىتى تېز بولغان بىلەن بىر چوڭ ئاجىزلىقى بار، يەنى ئۇزۇن مەزگىل توك ئۆتمىسە زەرەت يۆتكىلىپ، ساقلانغان ئۇچۇرلار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

640 (2).jpg

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ،JEDEC تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، مۇنتىزىم كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان SSD دىسكىنى نورمال ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا توكقا چاتمىسا، ئىچكى سانلىق مەلۇمات ئاز دېگەندە بىر يىل بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ساقلاش ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە، سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقاپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا، ئېلېكترونمۇ شۇنچە جانلىنىپ كېتىدۇ، SSD دېسكىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۆي تېمپېراتۇرىسى  يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 35 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا، يېرىم يىلدىن كېيىن سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. 55 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يەردە ئىككى ھەپتىدىلا ھۆججەتلەر يوقايدۇ.


شۇڭا قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەت، مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىماقچى بولسا مېخانىك قاتتىق دىسكىغا زاپاسلاش كېرەك.
2. ئۇزۇن مۇددەت توك ئۆتمىگەن ئەھۋالدا، ئۇيۇل دىسكىنى ساقلاش ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
3. يېرىم يىل ياكى بىر يىلنى بىر دەۋر قىلىپ، ئۇيۇل دىسكىغا قەرەللىك توك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!