باش بەت > خەۋەرلەر > سىستېما خەۋەرلىرى

مىكروسوفىت win7/8.1 گە بولغان قوللاشنى توختاتتى

سىستېما خەۋەرلىرىخىيال2023-09-04 17:55:45A+A-

مىكروسوفىت شىركىتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توردا بايانات ئېلان قىلىپ Windows7 /8.1 لارغا قارىتا قوللاشنى توختاتتى.  شۇنداقلا، win7 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىستېما بىخەتەرلىك بۇلىقىنى تارقاتتى. 

گەرچە كۆپىنچە دوستلار يۇقارقى خەۋەرگە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ھەقىقىي نۇسخىسىدىكى windows7 ئىشلىتىدىغانلار دىيارىمىزدا ساناقلىقلا بولغاندىكىن. بىراق، مىكروسوفىت يۇقارقى بىخەتەرلىك يامىقىنى تارقىتىش بىلەن سىستېمىغا قارىتا قوللاشنى توختاتقانلىقىنىڭ ئۈزى بولسا مەزكۇر سىستېمىنى بۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە سىستېمىڭىنىڭ يېڭىلىنىش بۇلىقىنى تەمىنلىمەيدۇ شۇنداقلا بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق ئاقىۋەتكە ئىشلەتكۈچى ئۈزى مەسئۇل بولىدۇ. مەسىلەن: كومپيۇتېر كۆك ئىكران بۇلىۋېلىش، ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمى، بەزى پروگراممىلارنى نورمال قوللىماسلىق .... قاتارلىقلار.

win7.png

Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ئەينى چاغدا مىكروسوفىت شىركىتى مەزكۇرسىستېمىسىنى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى 10 يىللىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. شۇڭا 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، مىكروسوفىت شىركىتى windows7 گە تېخنىكا ياردىمى ۋە يېڭىلاش بۇلىقىدا كومپيۇتېرنى قوغداشقا ياردەم بىرىدىغان دىتال يېڭىلانمىسى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفىت شىركىتى يەنە پۈتۈن زىھنىنى يېڭى تېخنىكا ۋە قالتىس يېڭى تەجرىبىلىرىنى قوللاشقا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرى ئىھتىماللىق windows11 نى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە windows7 نىڭ بىر قىسىم بىخەتەرلىك يېڭىلانمىلىرى داۋاملىق ئىتتىرلىدۇ. ئەمما مىكروسوفىت شىركىتى windows8.1 نى قوللاشنىمۇ بىراقلا توختاتقانلىقى ئۈچۈن windows7 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىنىشىنى ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك يېڭىلاش بۇلىقى بىلەن تەمىنلەپ بولۇپلا توختاتتى.

يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى: مىكروسوفىت بۇ قېتىمقى باياناتىدا Windows10 غا بولغان قوللاشنى 2025-يىلى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئامال بار Windows11 گە كۆچۈشىمىز كېرەك.


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!