باش بەت > ماقالىلەر > مەشغۇلات سىستېمىسى

Win 11نىڭ ھۆججەت پىرىسلاش ئىقتىدارى يېڭىلاندى!

مەشغۇلات سىستېمىسىخىيال2023-09-02 20:01:38A+A-

Win 11نىڭ ھۆججەت پىرىسلاش ئىقتىدارى يېڭىلاندى، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كۈنى چاتاق!


مىكروسوفت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا Windows 11 ئۈچۈن زور ئىقتىدار يېڭىلانمىسى چىقىرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، نەشىر نومۇرى بولسا 23H2، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى ھۆججەت مەنبەسى باشقۇرغۇچ(文件资源管理器)نىڭ قايتىدىن لايىھەلىنىشى. يېڭى نەشىردىكى ھۆججەت مەنبەسى باشقۇرغۇچ RAR ،TAR ،7Z قاتارلىق كۆپ خىل پىرىسلانغان ھۆججەت فورماتىنى قوللايدۇ، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ پىرىسلاش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاشنى خالىمايدىغان ئابۇنتلار ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، يېڭى نەشىردىكى ھۆججەت مەنبە باشقۇرغۇچ WinRAR ،Bandizip قاتارلىق كەسپىي پىرىسلاش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

31.jpg

پىرېسلانغان ھۆججەت بولسا كۆپ ھۆججەت ياكى يەككە ھۆججەت قىسقۇچنى كىچىكرەك بىر ھۆججەتكە ئوراپ قاچىلايدىغان بىر خىل تېخنىكا بولۇپ، بوشلۇقنى تېجەپ، يوللاش ۋە ساقلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىرىسلانغان ھۆججەت شەكىللىرى بار، مەسىلەن ZIP ،RAR ،7Z قاتارلىقلار. بىراق ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى ھەمدە ئالاھىدىلىكى

4.jpg

ئىلگىرى Windows 11 23 H2دىن بۇرۇن، ZIP سىستېمىنىڭ ئۆزىدىلا بار بولغان بىردىنبىر پىرىسلاش ھۆججەت فورماتى ئىدى. بۇ ئىشلەتكۈچىلەر ئەگەر باشقا فورماتتىكى پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنى ئاچماقچى ياكى قۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئۈچىنچى تەرەپ پىرىسلاش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى، مەسىلەن WinRAR ،7 Zip، قاتارلىقلار. گەرچە بۇ خىل پىرىسلاش يۇمشاق دېتالى ناھايىتى ياخشى ھەمدە ھەقسىز ياكى سىناق نۇسخىسى بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم دائىم پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنى ئىشلەتمەيدىغان ياكى پەقەت بىر ئىختىيارىي چۈشۈرۈلگەن پىرىسلانغان ھۆججەتنى يېشىشنى ئويلايدىغان ئابۇنتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈچىنچى تەرەپ پىرىسلاش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش بەلكىم ئاۋارىچىلىق ياكى ئارتۇقچە ئىش بولۇشى مۇمكىن.

5.jpg

شۇڭا، مىكروسوفت ھۆججە مەنبەسى باشقۇرغۇچقا RAR ،TAR ،7Z قاتارلىق كۆپ خىل پىرىسلانغان ھۆججەت فورماتىنى قوللاشنى قارار قىلدى. بۇنداق بولغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر سىستېمىدىكى بۇ فورماتلاردىكى پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە ئاچالايدۇ ياكى يېشەلەيدۇ، ھېچقانداق قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئادەتتىكى خېرىدارلارغا نىسبەتەن بىر چوڭ قولايلىق ۋە ئەۋزەللىك.

6.jpg

AMDنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن خاتىرە كومپيۇتېردىكى سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىستېما ھۆججەت مەنبە باشقۇرغۇچىسى TAR ھۆججىتىنى يەشكەندە ھېچقانداق مەسىلىگە يولۇقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدارى WinRAR ۋە NanaZIP قاتارلىقلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، ھەممىسى تەخمىنەن 80 سېكۇنت ئىچىدە ۋەزىپىنى تاماملىغان. ئەمما RAR ھۆججىتى بولسا سىستېمىنىڭ ھۆججەت مەنبەسى باشقۇرغۇچىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى يېشىشكە ئالتە مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كەتكەن، بۇ WinRARدىن ئۈچ ھەسسە ئاستا، NanaZIPدىنمۇ ئىككى ھەسسە ئاستا بولۇپ چىققان. 7Z فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يېيشىش ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، سىستېما ھۆججەت مەنبە باشقۇرغۇچىسىنىڭ 7Z فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يېشىشىگە توققۇز مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كەتكەن، ئەمما WinRAR ۋە NanaZIPغا پەقەت بىر مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەن.

7.jpg

Intelنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن خاتىرە كومپيۇتېردىكى سىناقمۇ ئاساسەن ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەن، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ پىرىسلاش يۇمشاق دېتاللىرنىڭ ھۆججەتلەرنى يېشىشتە دەرىجىسىنىڭ يېڭىلانغان ھۆججەت مەنبەسى باشقۇرغۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

8.jpg

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىقتىدار جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلا ئەمەس، ھۆججەت مەنبە باشقۇرغۇچنىڭ قولايلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن. مەسىلەن، ئۇ بىر مۇۋاپىق ھالەت تىزىملىكىنى كۆرسەتمەيدۇ (يەنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېشىشنى تاماملىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ)، مەخپىي نومۇر بىلەن قوغدىلىدىغان پرېسلانغان ھۆججەتنى ئاچالمايدۇ، يەنە كېلىپ كۆپلىگەن پرېسلانغان ھۆججەتنى ئېچىشقا تېخىمۇ ئامالسىز.

ئىلگىرى قوللىمايدىغان RAR ياكى باشقا ھۆججەت فورماتلىرىنى يېشىشكە ناھايىتى ئاز ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ چوڭ مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، دائىم پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىدىغان ئابۇنتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ WinRAR ،NanaZIP ،7Zip قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!