Win95دىكى بۇ ئىقتىدارنى ھازىرغىچە ئىشلىتىمىز
2020-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۈنى Windows 95 سىستېمىسى دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 25 يىل بولىدى، دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم سېتىلغان، ئۇ كومپيۇتېر ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ سىستېمىدىكى نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار ياكى ئۇ شەكىللەندۈرگەن ئىشلىتىش ئادىتى تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا.
Windows 95 دەۋرىدە كومپيۇتېر تېخى ئانچە ئومۇملاشمىغان، يەنە كېلىپ ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر DOS سىستېمىسىنى ئىشلىتەتتى، Windows 95 ئۆزىنىڭ سۈرەتلىك كۆرۈنمە يۈزى ئارقىلىق كىشىلەرنى كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك تەسىراتقا ئىگە قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، Windows 95 يەنە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان، مەسىلەن، 32 بىتلىق سىستېما، IE تور كۆرگۈچىسى قاتارلىقلار دەل Windows 95تىن كېيىن بارلىققا كەلگەن، ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows سىستېمىسىدىمۇ ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ساقلىنىپ قالغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرى يىقىندا Windows 95 سىستېمىسىدىن تا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن 10 خىل تېخنىكىنى رەتلەپ چىقىپتۇ، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. ئۈستەل يۈزى
2. باشلاش تىزىملىكى
3. ۋەزىپە ئىستونى
4. ئۇزۇن ھۆججەت نامى
5. چېتىپلا ئىشلىتىش تېخنىكىسى (Plug-and-Play)
6. ئابۇنتلار ھۆججىتى
7. USB
8. ھۆججەت كۆرگۈچ
9. تور كۆرگۈچ
10. ئەخلەت ساندۇقى
بۇ 10 تېخنىكا ۋە ياكى شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان تېخنىكا بىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمى ھازىر بىز ئايرىلالمايدىغان مۇھىم نەرسىلەرگە ئايلاندى، مەسىلەن، ئۈستەل يۈزى، USB ئېغىزى، ئەخلەت ساندۇقى، قاتارلىقلار، گەرچە بەزىلىرى مىكروسوفتقا تەئەللۇق بولمىسىمۇ، ئەمما Windows 95 سىستېمىسىغا بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولغان.
ئەلۋەتتە، نەزىرىمىزنى 2020-يىلىغا ئاغدۇرساق، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن 10 خىل تېخنىكا يېڭىلىقى ئىچىدە IE تور كۆرگۈچىسى بەلكىم ئاللىبۇرۇن رىقابەت كۈچىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەنئەنىۋى مەنىدىكى IE تور كۆرگۈچىسىنى ھازىر ھىچكىم ئىشلەتمەيدۇ، بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي مىكروسوفت ئۆزىمۇ IE تور كۆرگۈچىسىنى قوللاشنى بىكار قىلىشى مۇمكىن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- «GTA6» ئويۇنى 10-ئايدا تارقىتىلىدۇ
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش
- سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى
- دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin