قاچىلاش پروگراممىسى تۈزۈش قۇرالى HofoSetup
بىر قىسىم پروگراممىرلار پروگرامما تۈزۈپ بولۇپ قاچىلاش پروگراممىسى تۈزۈشتە قىينىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر قاچىلاش پروگراممىسى تۈزۈپ ئىشلىرىنى قۇلايلىق قىلىشنى ئويلايدۇ، شۇنداق ئەھۋاللاردا سىزگە قۇلايلىق يارتىدىغىنى HofoSetup قاچىلاش پروگراممىسى تۈزۈش قۇرالى
بۇ قۇرالنىڭ كۈرۈنمە يۈزى ھازىرقى زامان قاچىلاش پروگراممىلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان، كۈرۈنمە يۈزىدىكى رەسىملەرنى ۋە سىنبەلگىلەرنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئۈزىمىز ياقتۇردىغان شەكىلدە چىقىرىشقا بولىدۇ.
دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن تۆۋەندىدەك مەشغۇلات قىلىڭ
بىرىنچى: بوغچا ھاسىللاش
ئورالماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ نامىنى تولدۇرۇڭ 2. يۇمشاق دېتال نەشرى نومۇرىنى تولدۇرۇڭ 3. قاچىلاش ئۇسلۇبىنى تاللاڭ 4. ئورالما مۇندەرىجىسى ۋە ئاساسلىق پروگراممىنى تاللاڭ. ئەگەر سىز باشقا ھۆججەتلەرنى ئورۇۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە ئاساسلىق پروگرامما بولمىسا ، ئاساسلىق پروگرامما يولىنى تاللىماسلىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئاساسلىق پروگرامما چوقۇم ئورالما مۇندەرىجىسىدە بولۇشى كېرەك. 5. قاچىلاش بوغچىسىنى ساقلاش يولىنى (ھۆججەت نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، يەنى ھاسىل بولغان قاچىلاش ئورنىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەڭ 6. قاچىلاش پروگراممىسىنى تاماملاش ئۈچۈن «بىر چېكىش بولىقى» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاساسى پروگرامما چوقۇم ئۇرالماقچى بولغان ھۆججەت بىلەن بىر مۇندەرىجە ئىچىدە بولىشى كېرەك.
قاچىلاش پروگراممىسى ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى ھۆججەت باشقا مۇندەرىجىگە ساقلىنىشى كېرەك.
بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ھاسىللاشنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
قاچىلاش پروگراممىسى ھاسىل بولغاندىن كېيىنكى كۈرۈنۈش
ئەمدى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆپ سۆزلىمىسىەكمۇ بولا. نۆۋەتتە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەيلى:
HofoSetup - 安装包制作大师 (hofosoft.cn)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- Win 11نىڭ ھۆججەت پىرىسلاش ئىقتىدارى يېڭىلاندى!
- بىر تال U دېسكا ئارقىلىق كۆپ خىل سىستېما قاچىلاش
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش
- سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى