بەش يۈرۈش قوللىنىشچان دىتاللار تەۋىسيىسى
كۆپچىلىك بىلەن بەش خىل قوللىنىشچان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى قولنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلايلى! ئۇ ئوخشىمىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىشخانا ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئەس قاتىدىغان ئىقتىدارلىرى بار!
1-utools
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://www.u.tools
uTools ئەڭ ئاددىي، قىستۇرما زامانىۋى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتالى بولۇپ، مول قىستۇرما دېتاللارنى ئەركىن تاللاش ئارقىلىق قولايلىق قوراللار توپلىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. uTools نىڭ كۈچلۈك قىستۇرما سىستېمىسى بار، سىزگە تەييارلىغان 700دىن ئارتۇق قىستۇرما بار، ھەر بىر قىستۇرما بىر كونكرېت كۆرۈنۈشنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئاددىي ھەم چىرايلىق. قىستۇرما باشقۇرۇشقا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ قۇراشتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قولىڭىزغا ئەڭ ماس كېلىدىغان قوراللار توپلىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل كۈندىلىك مەشغۇلاتلارغا قولايلىق يارىتالايسىز.
2-DropIt
چۈشۈرۈش ئادرىسى: dropitproject.com
Droplt بولسا بىر خىل ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز، ئاسان ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھۆججەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئىزدەش ۋە قولدا ئېچىش، شۇنداقلا ھۆججەتنى يۆتكەش قاتارلىق مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى يوقىتالايدۇ. سىز پەقەت بارلىق ھۆججەتلەرنى تاللاپ، Droplt سىنبەلگىسىگە سۆرەپ ئەكىرسىڭىز، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا بۇ ھۆججەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، مۇناسىپ ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ بېرىدۇ، يەنە تەكرار كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، ئىختىيارى كېلىشىم تۈزۈش، پىششىق ئىشلەتكەندىن كېيىن بەك قولايلىق.
3-亿可达
چۈشۈرۈش ئادرىسى:https://ycoda.com
亿可达 بىر خىل كۈچلۈك ھەم جانلىق بولغان ئاپتوماتلاشتۇرۇش قورالى. ئۇ كۆپ خىل قوللىنىشچان پروگراممىلارغا ئۇلىنىپ، ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. « قوزغاتقۇچ » ۋە « ھەرىكەت » شارائىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان سۇپىلاردا سانلىق مەلۇمات يوللاش، ئۇقتۇرۇش يوللاش، ھۆججەتلەرنى ماس قەدەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. بۇ ئاپتوماتلاشقان ۋەزىپىلەر سىزنىڭ قول بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتىڭىزنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، دىققىتىڭىزنى تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرگە قارىتىدۇ.
4-Everything
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://dl.qhhnwl.cn/sinfo/104354922_4002453.html
0.01 سېكونت ئىچىدە كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنى ئىزدىيەلەيدىغان سىرلىق قورال. قايسى كۈنى سىز كومپيۇتېردىكى ھۆججەتىنى قەيەرگە قويغىنىڭىزنى بىلمەيسىز، سىناپ بېقىڭ، ھەر كۈنى ئىشلىتىڭ، بۇ كومپيۇتېر بىلەن بىللە كەلگەن ئىزدەش ئىقتىدارىدىن كۆپ كۈچلۈك! سىز ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئاساسىي جەھەتتىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ھۆججەت بىر سېكۇنت ئىچىدىلا چىقىدۇ. ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق! كىم ئىشلەتسە شۇ بىلىدۇ، ئىشلەتسە ئۇنتالمايدۇ. ھۆججەت مىقدارى كۆپ دوستلار، چوقۇم بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قويۇشۇڭلار كېرەك، بۇ خۇددى سىزنىڭ ھۆججەت ئىزدىگەندىكى پەرىشتىڭىز.
5-迅捷OCR رەسىمدىكى يېزىقنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://www.xunjiepdf.com/ocr/?hfzhxy230526-602849376
迅捷OCR文 بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق OCR سۈرەت-يېزىق پەرقلەندۈرۈش قورالى، بۇ يۇمشاق دېتال سۈرەت، سكاننېرلانغان نۇسخا، PDF قاتارلىق ھۆججەتلەردىكى يېزىق مەزمۇنىنى تېز، توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇنى تەھرىرلەشكە بولىدىغان تېكىست شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال رەسىم، سكاننېرلانغان نۇسخا، PDF قاتارلىق ھۆججەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كىرگۈزۈش شەكلىنى قوللايدۇ، بىر ۋاراق ياكى تۈركۈمگە بۆلۈپ تونۇيدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ كۆپ مىقداردىكى يېزىقنى تونۇيدۇ ۋە ئايلاندۇرىدۇ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئىبلىسنىڭ ياش تۈكىشى 鬼泣5
- لاھىيە ئىشلىرىدا پايدىلىنىدىغان 20 تور بەت ئادرىسى
- DevExpress نى VS2019 غا قاچىلاش ۋە يىشىش
- خۇاۋېي، ۋىۋو، جىنلى قاتارلىق يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تۇنۇتۇش
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى