windows12 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى
مىكروسوفىت شىركىتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توردا بايانات ئېلان قىلىپ Windows7 /8.1 لارغا قارىتا قوللاشنى توختاتتى. شۇنداقلا، win7 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىستېما بىخەتەرلىك بۇلىقىنى تارقاتتى.
گەرچە كۆپىنچە دوستلار يۇقارقى خەۋەرگە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ھەقىقىي نۇسخىسىدىكى windows7 ئىشلىتىدىغانلار دىيارىمىزدا ساناقلىقلا بولغاندىكىن. بىراق، مىكروسوفىت يۇقارقى بىخەتەرلىك يامىقىنى تارقىتىش بىلەن سىستېمىغا قارىتا قوللاشنى توختاتقانلىقىنىڭ ئۈزى بولسا مەزكۇر سىستېمىنى بۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە سىستېمىڭىنىڭ يېڭىلىنىش بۇلىقىنى تەمىنلىمەيدۇ شۇنداقلا بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق ئاقىۋەتكە ئىشلەتكۈچى ئۈزى مەسئۇل بولىدۇ. مەسىلەن: كومپيۇتېر كۆك ئىكران بۇلىۋېلىش، ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمى، بەزى پروگراممىلارنى نورمال قوللىماسلىق .... قاتارلىقلار.
Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ئەينى چاغدا مىكروسوفىت شىركىتى مەزكۇرسىستېمىسىنى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى 10 يىللىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. شۇڭا 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، مىكروسوفىت شىركىتى windows7 گە تېخنىكا ياردىمى ۋە يېڭىلاش بۇلىقىدا كومپيۇتېرنى قوغداشقا ياردەم بىرىدىغان دىتال يېڭىلانمىسى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفىت شىركىتى يەنە پۈتۈن زىھنىنى يېڭى تېخنىكا ۋە قالتىس يېڭى تەجرىبىلىرىنى قوللاشقا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرى ئىھتىماللىق windows11 نى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە windows7 نىڭ بىر قىسىم بىخەتەرلىك يېڭىلانمىلىرى داۋاملىق ئىتتىرلىدۇ. ئەمما مىكروسوفىت شىركىتى windows8.1 نى قوللاشنىمۇ بىراقلا توختاتقانلىقى ئۈچۈن windows7 نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىنىشىنى ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك يېڭىلاش بۇلىقى بىلەن تەمىنلەپ بولۇپلا توختاتتى.
يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى: مىكروسوفىت بۇ قېتىمقى باياناتىدا Windows10 غا بولغان قوللاشنى 2025-يىلى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئامال بار Windows11 گە كۆچۈشىمىز كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئۆكتەبىر ئېيىدىكى كالىندار تەگلىك
- ئىبلىسنىڭ ياش تۈكىشى 鬼泣5
- Ubuntu 23.10 نىڭ TPM قاتتىق دېسكىنى مەخپىلەشتۈرۈش ئىقتىدارى
- مىكروسوفىت win7/8.1 گە بولغان قوللاشنى توختاتتى
- «GTA6» ئويۇنى 10-ئايدا تارقىتىلىدۇ
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى