ماشىنىلارغا بىكىتىدىغان يول باشلىغۇچ تاللاش
ھازىر تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ يۇقىرى كۈتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەممە ئائىلىلەردە ماشىنا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بىر قىسىم ماشىنىلاردا ئۈزىگە سەپلەنگەن يول باشلىغۇچ بار بولۇپ، بۇ يول باشلىغۇچنىڭ ئىكرانى كىچىك، يول ماڭغاندا سۈرئەتلىك كۈرۈنۈش چىقمايدىغان ئەھۋاللار ھەم مەۋجۇت. مۇشۇ مەسىلىلەر سەۋەبىدىن بىر قىسىم ھەۋەسكارلار ماشىنلارنىڭ يول باشلىغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدى ھەم ئالماشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ماشىنىلارنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئالماشتۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
1-يول باشلىغۇچنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى يۇقىرى بولىشى كېرەك.
2-سىستېمىسى ئاندرويد سىستېمىسىنى قوللىغان بولىشى كېرەك (چۈنكى ھازىر ئاندرويد سىستېما ئومۇملىشىۋاتىدۇ)
3-ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى چوڭ بولىشى كېرەك. نۆۋەتتە 1GB لىق سىغىمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەنلىرى بىر قەدەر كۆپ، مىنىڭ تەكلىپىم ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 2GB بولسۇن، مۇمكىن بولسا 4GB بولسا تېخى ياخشى. بولمىسا يەنە ئالماشتۇرۇشقا تىگىشلىك بولۇپ قالدۇ.
4- ساقلاش بوشلۇقى چوڭراق بولىشى كېرەك. بازارلاردا 16GB لىك بوشلۇقنى چوڭ بوشلۇق دەپ ساتىدۇ، بىراق ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ ھېچقانچە چوڭ ھىسابلانمايدۇ. چۈنكى ئاندرويد سىستېمىسىمۇ ئىگەللەيدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا 32 ياكى 64GB لىكنى ئېلىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن.
5-ئىكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىشى كېرەك.
يۇقارقى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا بىر قېتىمدىلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز. بۇ بەش نۇقتىغا دىققەت قىلمىغاندا كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇشقا تىگىشلىك بولۇپ قالىدۇ. (ئەگەر پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمىسا ئۇمۇ مەيلى).
اخىرىدا تەكىتلەيدىغان يەنە بىر مەسىلە:
چوقۇم يول باشلىغۇچ بىلەن ماشىنىڭىز ماس كىلىشى كېرەك. شۇڭا سېتىۋالغاندا ساتقۇچى تەرەپكە ماشىنىڭىزنى تىپى، تۈرى قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بىرىڭ. ئامال بار، ئەسلىدىكى يول باشلىغۇچنىڭ ئورنىغا توك سىملىرىنى كەسمەي تۇرۇپلا چېتىپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin
- ئىبلىسنىڭ ياش تۈكىشى 鬼泣5
- ليەنشاڭ ThinkPad P16 2023 لاھىيە ئىشلىرى كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش