Ghost ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى كىلونلاش
كومپيۇتېر قاتتىق دېسكىسى تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇن بىز ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى يېڭى قاتتىق دېسكا سىغىم ئاتالغۇلىرى بارلىققا كىلىشكە باشلىدى. قاتتىق دېسكا سىغىمىنىڭ چۇڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزمۇ ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشقا باشلىدى. بۇرۇن 500GB لىق سىغىم بىزگە ئىنتايىن چوڭ بىلىنگەن بولسا ھازىر بازارلاردا 12TB لىق سىغىمدىكى قاتتىق دېسكىلار سېتىلىشقا باشلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا كونا قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى يېڭى قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۈشتە ئادەتتىكى ھۆججەتلەر بولسىغۇ بىۋاسىتە كۆچۈرسەك بولاتتى. بىراق بەزى يۇشۇرۇن ھالدىكى سىستېما ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىش مۇمكىن بولماي قالدى. تۆۋەندە بىز Ghost ئارقىلىق قاتتىق دېسكىدىن قاتتىق دېسكىغا ئۇچۇر كۆچۈرۈش (يەنى قاتتىق دېسكىنى كىلونلاش) تېخنىكىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاۋۋال Ghost نى قوزغىتىمىز.
يۇقارقى كۆزنەكتىن OK كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، باش كۆزنەككە كىرىمىز
يۇقارقى تەرتىپ بويىچە تىزىملىككە كىرىمىز.
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۈرۈنگەندە مەنبە دېسكىنى تاللايمىز.
تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن كۆچۈرۈپ بارماقچى بولغان نىشان دېسكىنى تاللايمىز
يۇقارقى كۆزنەكتىن OK نى باسساق كۆچۈرۈشنى باشلايدۇ
كۆچۈرلۈپ بولغاندىن كېيىن Reset كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىدۇ
يۇقارقى كۆزنەكتىكى Reset Computer كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش
- سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى
- دۆلىتىمىز مەشغۇلات سىستېمىسى Deepin
- مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش سىستېمىسى vmware17