Excel فورمىلادىكى خاتالىقنى ھەل قىلىش فونكىسيىسى
بىر قىسىم تورداشلار بۇنداق ئىزدىگەندە ئىزدەپ تاپالمىغان ئۇچۇرغا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالغانلىقىنى ھەم بۇ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاۋارچىلىق كۆرگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. تۆۋەندە بىز بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى فورمىلا ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈگىنىپ ئۈتىمىز.
ئالدىنقى قېتىملىق دەرسلىكتە Vlookup فونكىسيەسى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمى مۇشۇ فورمىلدا تاپالمىغان ئۇچۇرغا قايتۇرغان خاتالىق ئۇچۇرى «N/A#» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۈتەيلى.
يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئەگەر F6 گە مۇناسىپ بولغان ئۇچۇرنى كىرگۈزگەندە G6 گە ماس بولغان ئۇچۇرنى قايتۇرىدۇ. ناۋادا F6 گە كىرگۈزگەن ئۇچۇرنى B سىتوندىن تاپالماي قالسا خاتالىق ئۇچۇرى «N/A#» نى قايتۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا بىز بۇ خىل خاتالىق ئۇچۇرىنى كۆرسەتمەستىن، مەۋجۇت ئەمەس دىگەن ئۇچۇرنى قايتۇردىغان فورمىلانى تۈزۈپ باقايلى.
يۇقارقى فورمىلادا شەرت جۈملىسى IF نىڭ ئىچىگە خاتالىق ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش جۈملىسى ISERROR نى ئېلىپ ھەل قىلدۇق. ناۋادا B سىتوندىكى ماس بولغان ئۇچۇر تېپىلماي قالسا كۈرۈنىدىغان خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ ئورنىغا «مەۋجۇت ئەمەس» دىگەن خەتنى كۆرسىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- Excel دا رەقەمنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
- Excel دا ئاپتوماتىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش
- Excel دا COUNTIFS نى ئىشلىتىش
- Excel دا كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن جىنسىنى پەرقلەندۈرۈش
- Excel دا سىتون ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى
- Excel دىكى Replace ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن بىرقانچە تېخنىكا
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى