Excel دا سىتون ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى
Excel نى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر سىتوندىكى ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ياكى كەينىدىكى سىتونغا ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئۇچرايدۇ. بۇنداق مەشغۇلاتنى بىجىرىشتە بىز مۇنداق بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى بىجىرىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، C سىتوندىكى مەزمۇنلارنى B سىتوننىڭ ئالدىغا يۆتكەش. بۇ مەشغۇلاتنى بىجىرىشتە بىز ئاۋۋال B سىتوننىڭ ئالدىغا بىر قۇرۇق سىتون قىستۇرۇپ كىرگۈزىمىز. بۇ ۋاقىتتا B سىتون C غا ، C سىتون D غا ئۆزگىرەيدۇ. ئاندىن D سىتوندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ، B سىتونغا چاپلاپ بولۇپ، D سىتوننى ئۆچۈرۋىتىمىز. يەنە بىر خىل ئۇسۇل، C سىتوننى كىسىۋېلىپ، B سىننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 插入已剪切的单元格 نى تاللاش ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئاۋارچىلىق. تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بۇ مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى: يۇقارقى مەشغۇلاتنى مىسالغا ئالساق، C سىتوننى تاللايمىز، ئاندىن مائۇسنىڭ C سىتوننىڭ سىتون نومۇرى ئاستىدىكى سىزىق ئۈستىگە ئەكەلسەك مائۇس ئىستىرىلىسى تۆت تەرەپكە كۆرسىتىلگەن + بەلگىسى شەكلىگە ئۆزگىرەيدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، مائۇسنى بېسىپ سول تەرەپكە يۆتكەپ، مائۇسنى قويىۋەتسەك C سىتوندىكى مەزمۇنلار B سىتوننىڭ ئالدىغا يۆتكىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- Excel فورمىلادىكى خاتالىقنى ھەل قىلىش فونكىسيىسى
- Excel دا رەقەمنى چوڭ يېزىلىشقا ئالماشتۇرۇش
- Excel دا ئاپتوماتىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش
- Excel دا COUNTIFS نى ئىشلىتىش
- Excel دا كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن جىنسىنى پەرقلەندۈرۈش
- Excel دىكى Replace ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن بىرقانچە تېخنىكا
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى