قاتتىق دىسكىنى توكقا چاتمىسا ھۆججەتلەر قانچىلىك ۋاقىت ساقلىنىدۇ؟
قاتتىق دېسكا كومپىيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلايدىغان مۇھىم ئۈسكۈنىسى، شۇنداقلا كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قاتتىق دېسكا مېخانىك دېسكا، ئۇيۇل دېسكا (SSD) دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
مېخانىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىدىغان ماگىنتلىق تەخسە بار، ئۇچۇرلار ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. يەنى بارلىق ھۆججەت، سانلىق مەلۇماتلارنى 0 ۋە 1 دىن تۈزۈلگەن ئىككىلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇپ، ماگنىتلاش ياكى ماگنىتسىزلاش ئارقىلىق ساقلايدۇ. شۇڭا مېخانىك قاتتىق دىسكىغا باشقا زەخمە يەتمىگەن ئەھۋالدا ئىچىدىكى ئۇچۇرلار 10 يىل ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچىرىماي نورمال ساقلىنىدۇ.
ئۇيۇل دېسكا (SSD، 固态硬盘) نىڭ ئۇچۇر ساقلاش پىرىنسىپى مېخانىك قاتتىق دېسكىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيۇل دېسكىنىڭ ماگنىتلىق تەخسىسى يوق. ئۇچۇرلار توك يولى تاختىسىغا زەرەتنى تۇتۇش ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. ئايلىندىغان مېخانىك قۇرۇلمىسى بولمىغاندىكىن ھۆججەت ئوقۇش، يېزىش سۈرئىتى مېخانىك قاتتىق دېسكىدىن كۆپ تېز. شۇڭا ئوخشاش بىر كومپىيۇتېردا سىستېمىنى ئۇيۇل دېسكىغا قاچىلىسا كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ئۇيۇل قاتتىق دېسكىنىڭ سۈرئىتى تېز بولغان بىلەن بىر چوڭ ئاجىزلىقى بار، يەنى ئۇزۇن مەزگىل توك ئۆتمىسە زەرەت يۆتكىلىپ، ساقلانغان ئۇچۇرلار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ،JEDEC تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، مۇنتىزىم كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان SSD دىسكىنى نورمال ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا توكقا چاتمىسا، ئىچكى سانلىق مەلۇمات ئاز دېگەندە بىر يىل بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ساقلاش ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە، سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقاپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا، ئېلېكترونمۇ شۇنچە جانلىنىپ كېتىدۇ، SSD دېسكىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۆي تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 35 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا، يېرىم يىلدىن كېيىن سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. 55 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يەردە ئىككى ھەپتىدىلا ھۆججەتلەر يوقايدۇ.
شۇڭا قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەت، مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىماقچى بولسا مېخانىك قاتتىق دىسكىغا زاپاسلاش كېرەك.
2. ئۇزۇن مۇددەت توك ئۆتمىگەن ئەھۋالدا، ئۇيۇل دىسكىنى ساقلاش ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
3. يېرىم يىل ياكى بىر يىلنى بىر دەۋر قىلىپ، ئۇيۇل دىسكىغا قەرەللىك توك ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ئون نەچچە تېخنىكا
- كومپىيۇتېردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
- قايسى ماركىدىكى U دېسكا ئەڭ ياخشى؟
- PS دە JPEG شەكلىدە رەسىم ساقلاشنىڭ قانۇنىيىتى
- QQ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ چۇڭايتىلغان ئوچۇق نۇسخىسى
- Excel دا ئورۇندىلىنىش نىسبىتى تاياقچىسى ھاسىل قىلىش فونكىسيەسى
- مىكروسوفت شىركىتى ئىستېمالچىلار نۇسخىسى 2024-يىللىق Micrsoft Ofice نى ئېلان قىلدى
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش
- توي رەسىم قېلىپلىرى
- قىزلار كىيىم ۋە چاچ قېلىپلىرى
- ئاياللار كىنىشكا قېلىپلىرى