[Linux] ھىندىستان MayaOS نى تەتقىق قىلىپ چىقماقچى

hiyal   2023-09-12 23:11:32دە |ئوقۇش شەكلى
0 221

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تور بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر MAYA OS ناملىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى Windows نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، بارلىق تورلاشقان كومپيۇتېرلاردا قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلاندى. ھىندىستان ئاگىنتلىقىنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت كۈنسىرى ئېشىۋاتقان يامان غەرەزلىك يۇمشاق دىتاللار ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. مۇستەقىل يېڭىلىق يارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەتئەل يۇمشاق دىتاللىرىغا تايىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان.
Maya OS بولسا Ubuntu ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، 2021-يىلى كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھىندىستان ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىپ، windows نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ،  ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولماسلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان. ھىندىستان مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە تەخمىنەن ئالتە ئاي ئىچىدە يېڭىدىن بىر مەشغۇلات سىستېىسى ياساپ، كۈلەملەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئىكەن.
نۆۋەتتە بۇ سىستېما ئۈچ خىل ھەربى ئورگاننىڭ باھالىشىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دەلىللەپ باھالىشىدىن ئۆتكەن، نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باھالاش باسقۇچىدا تۇرىۋېتىپتۇ.
Maya OS نىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇنىڭدا Windows قا ئوخشاش كۈرۈنمە يۈز ۋە ئىقتىدارلار تولۇق بار، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق پەرىق بارلىقىنى ھىس قىلىپ بولالمايدۇ. دېمەك windows بىلەن كۈرۈنمە يۈز جەھەتتە ئاساسەن ئوخشاش دېگەن گەپ. ئۇنىڭدا يەنە Chakravyh دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېڭى ئىقتىدار بار بولۇپ، بۇ يامان غەرەزلىك دىتال ۋە ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىپ، ئىشلەتكۈچى بىلەن تور ئارىسىدا مەۋھۇم قەۋەت ھاسىل قىلىپ، خاككېرلارنىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارنى زىيارەت قىلىشىنى توسىدۇ.
نۆۋەتتە، Maya OS  باھالاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئالدى بىلەن 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرلارغا قاچىلاشنى پىلان قىلغان، شۇنداقلا Chakravyh نى قوزغىتىپ، قوغداش ئېلىپ بارماقچى بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق كومپيۇتېرلىرىغا قاچىلاش تاماملىنىدىكەن.

سەھىپە قائىدىسى ئىنكاس يازما

4

ماۋزۇ

3

يازما

0

نۇمۇر

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى

0