Intel شىركىتى مىكروسوفىتقا ياردەملىشىپ مەجبۇرى يېڭىلاش ئېلىپ بارماقچى
ئىنتىل شىركىتى بولسا داڭلىق ئۈزەك ياسايدىغان شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا ئۈزەك ياساش كەسپىنىڭ مۇنۇپۇل قىلغۇچىسى.
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مىكروسوفت ئامال قىلىپ Windows 10 ئابونتلىرىنى Windows 11 گە دەرىجىسىنى تېزرەك ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى، بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا Intel تەبىئىيلا ياردەم بېرىشنى تاللايدۇ، ئىشقىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر سەپتە. ئىنتېل Gale Peak 2 "BE200" مۇستەقىل ھەل قىلىش لايىھىسىدە Wi-Fi 7 نى تەمىنلەيدۇ. بۇ ھەل قىلىش لايىھىسىدە يەنە Killer 1750X كونتروللىغۇچ ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە كۆك چىش 5.4 ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئورگان تەرەپ لايىھىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، Windows11 ۋە ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى Linux/Chrome OS تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ Windows 10 نى ئىشلىتىدىغان ئابونتلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىسە، Wi-Fi 7 نى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ Windows 10 نى ئىشلىتىدىغان كۆپ قىسىم ئابونتلارنىڭ ئەڭ يېڭى سىمسىز ئۇلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
Wi-Fi 7 تېخنىكىسى پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان " كوررى Ultra" سۇپىسىنىڭ بىر چوڭ سېتىش نۇقتىسى بولۇپ، نۇرغۇن ئاساسىي تاختا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر Wi-Fi 7 ھەل قىلىش لايىھىسى سەپلەنگەن يېڭى 790 مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى.
ئىنتېل مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەڭ يېڭى سۇپىدا Windows 11نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىدۇ، بۇ كونا ئابونتلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن دوستانە ئەمەس.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- windows دا دائىم قوللىنىدىغان بۇيرۇقلار
- ئىبلىسنىڭ ياش تۈكىشى 鬼泣5
- windows11 نىڭ ھەرقايسى نەشىرلىرىنىڭ پەرقى
- win11 نى ئاكتىپلاش باسقۇچى
- QQ نىڭ Linux نۇسخىسى ئورنىدىن تۇردى
- Windows 11 نىڭ ئىكران تۇتۇش ۋە خاتېرە دەپتەر پروگراممىسى يېڭىلاندى
- يېڭى قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا ئايرىش
- توردىن يېڭى سېتىۋالغان كومپيۇتېرنى تەكشۈرۈش باسقۇچى
- utools بولسا windows نى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ
- Win11 نى تەۋىسيە قىلىشتىكى 11 تۈرلۈك باھانە
- Win10 نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرغۇچ
- خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 نەشىرى