مىكروسوفىت تەرەپ win11 غا يېڭىلىغاندا كۆك ئىكران بولىۋېلىش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
تېخنىكا تېز خەۋەرلەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇندىن بۇرۇن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر كومپيۇتېرىنىڭ سىستېمىسىنى win11 گە يېڭىلىغاندىن كېىن كۆك ئىكران بولىۋېلىش مەسىلىسى كىلىپ چىقىپ، خاتالىق ئەسكەرتىشىدە «بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللىمىغان» دەپ ئەسكەرتكەن.
يېقىندا، مىكروسوفت بۇ Bugنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى ھەمدە مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى Win11نىڭ ئەڭ يېڭى 8-ئايدىكى يېڭىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مىكروسوفت بۇ Bug KB5029351 يېڭىلاش كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىم مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، مىكروسوفت ئۈسكۈنە ياساش سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مەزگىلدە، مىكروسوفت مەسىلىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن Win11 ئۈسكۈنىسىنى KB5029351 يېڭىلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.
ئەگەر ئابونتلار بۇنىڭدىن بۇرۇن يېڭىلانغان ھەمدە مەسىلە كۆرۈلسە، بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش
- ئەينى چاغدىكى google يەرشارى دىتالىنى قايتا ئىشلىتىڭ
- كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ئون نەچچە تېخنىكا
- Uدېسكىنى قايسى ئۇسۇلدا فورماتلىغان ياخشى؟
- چاۋشەن ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قىزىل يۇلتۇز 3.0 نى چىقاردى
- windows ئەپ بازىرىدىكى تەۋىسيىلىك ئەپلەر
- windows دا دائىم قوللىنىدىغان بۇيرۇقلار
- ئىبلىسنىڭ ياش تۈكىشى 鬼泣5
- windows11 نىڭ ھەرقايسى نەشىرلىرىنىڭ پەرقى
- win11 نى ئاكتىپلاش باسقۇچى
- QQ نىڭ Linux نۇسخىسى ئورنىدىن تۇردى