خەت نۇسخىسىنى EOT غا ئايلاندۇرۇپ تور بەتكە قىستۇرۇش
بۇرۇن تور بەت ياسىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىدۇكى، EOT ياساش ئارقىلىق كومپيۇتېردا يوق بولغان خەت نۇسخىسىنىمۇ نورمال كۆرسىتىشكە بولاتتى. بۇنى قىلىش ئۈچۈن Microsoft Weft دىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كىلەتتى.
ھازىر بىۋاسىتە خەت نۇسخىسىنى تورغا يوللاپ eot ياساش تېخنىكىسى چىقتى.
تور بەت ئادرىسى: http://www.kirsle.net/wizards/ttf2eot.cgi
يۇقارقى تور بەتكە كىرگەندىن كېيىن 浏览 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئايلاندۇرماقچى بولغان ttf شەكلىدىكى خەت نۇسخىسىنى تورغا يوللايمىز.
ئاندىن Convert TTF to EOT كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىز ھازىر تاللىغان خەت نۇسخىسىنى EOT ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ.
ئاستى تەرەپتىكى Download دېگەن ئۇلىنىشنى باسساق EOT ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋالالايمىز.
ئەمدى تور بەتتە ئىشلىتىش:
يۇقارقى eot ھۆججەت بىلەن ttf ھۆججەتنى تور بىكىتىڭىزگە يوللىغاندىن كېيىن، تور بەتنىڭ css ھۆججىتى ئىچىگە تۆۋەندىكىدەك يازسىڭىز بولىدۇ. دىققەت، ھۆججەت يۇلى ۋە ئىسمى چوقۇم توغرا بولىشى كېرەك.
<style type="text/css"> @font-face { font-family: MyCustomFont; src: url("UKIJTuT.eot") /* EOT file for IE */ } |
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- مىكروسوفت شىركىتى ئىستېمالچىلار نۇسخىسى 2024-يىللىق Micrsoft Ofice نى ئېلان قىلدى
- EOT ئادرىسى ئۆزگەرتىش قۇرالى
- Win10 غا ئۇيغۇرچە Font قاچىلىغۇچ
- VS نىڭ يۇقىرى نەشىرىدىكى پروگراممىنى تۆۋەن نەشىرىدە ئېچىش ئۇسۇلى
- Adobe Photoshop2025 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- ھۆسىنخەتلەردىن ئۆرنەكلەر
- قايسى ماركىدىكى U دېسكا ئەڭ ياخشى؟
- PS دە JPEG شەكلىدە رەسىم ساقلاشنىڭ قانۇنىيىتى
- QQ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ چۇڭايتىلغان ئوچۇق نۇسخىسى
- Excel دا ئورۇندىلىنىش نىسبىتى تاياقچىسى ھاسىل قىلىش فونكىسيەسى
- ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش office 2024 نەشىرى
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش