شياۋمى، خوڭمى يانفۇنلارنىڭ MIUI13 كە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تۇنۇتۇش
كۆپىنچە شياۋمى ۋە خوڭمى يانفۇنلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولماسلىقتەك مەسىلىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ھەل قىلىمىز.
ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى كۆپىنچە يانفۇن شىركەتلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەسىلەن : خوڭمى K50 يانفۇنىنى مىسال قىلىمىز
ئاۋۋال سىز توردىن 爱字体 نى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز ( بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ)
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ۋە پىنيىن قوشۇلغان خەت نۇسخىسىنى تور بېكىتىمىزدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. خىيال تور بېكىتى-خەت نۇسخىسى-خەت نۇسخىسى-ئۇيغۇرچە ۋە پىنيىن قوشۇلغان قارا خەت نۇسخىسى (hiyal.com)
1.توردىن 「爱字体」APP نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچىنچى تۈر 「我的」نى چېكىپ، ئىچىدىن 「我的字体」نى ئېچىپ، تەييارلىغان خەت نۇسخىسىنى تاللايمىز (دىققەت: تەييارلىغان خەت نۇسخىسىنى ifont نىڭ ئىچىدىكى custom نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈڭ)
2. تەييارلىغان خەت نۇسخىسىنى تاللايمىز. خەت نۇسخىسى چوقۇم ttf شەكلىدىكى خەت نۇسخىسى بولىشى كېرەك. جەزىملەشتۈرۈشنى باسىمىز.
3. يانفۇننىڭ 「主题壁纸」-「我的」-「主题」نى ئېچىپ「从SD卡导入」
4.「内部存储设备」-「MIUI」-「theme」نى تاللاپ، تەييار بولغان mtz ھۆججەتنى تاللىۋالىمىز
5.「主题壁纸」-「字体」غا قايتىمىز، ئاندىن خەت نۇسخىسى ئورنىدا ھازىرقى خەت نۇسخىسى كۈرۈنىدۇ، شۇ خەت نۇسخىسىنى تاللىۋەتسەك بولىدۇ.
خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىنكى كۈرۈنۈش:
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ۋىۋو يانفونىغا ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ئىقتىدارى قوشۇلدى
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دېڭىز
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- دېڭىز مەنزىرىسى 1
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى خەت نۇسخىلىرى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى ئۆلچەملىك ھۆسىنخەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدىكى باسما ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- مەۋھۇم كومپيۇتېرغا deepin سىستېمىسىنى قاچىلاش
- سامسۇڭ +Galaxy S24 ئاشكارىلاندى