Photoshop2023غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
photoshop نىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش خېلى بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بىراق Photoshop2023 نەشىرى چىققاندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى. بىز بۇ يەردە خىيال تورى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەزمۇننى ھەمبەھىرلىدۇق.
بىۋاسىتە كىرگۈزۈش دىگىنىمىز ھېچقانداق ئاسما شەكىلدىكى قوشۇمچە يېزىق كىرگۈزۈش قۇرالىغا تايانماي تۇرۇپ، Unicode ئۆلچىمىدە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ، خۇددى word قا بىۋاسىتە يېزىق كىرگۈزگەندەكلا قۇلايلىق.
1-باسقۇچ:
يۇقارقى كۆزنەكتە كۆرسىتىلگەندەك، يېزىق (文字) نىڭ ئىچىدىكى تىل تاللاش (语言选项) نىڭ ئىچىدىكى شەرقى ئاسىيا تىللىرى (东亚语言功能) نى تاللايمىز. photoshop نى قايتا قوزغىتىمىز.
ئەمدى ئۇيغۇرچە خەت يازسىڭىز خەتلىرىڭىز خۇددى word دا يېزىلغاندەكلا چىقىدۇ. بىراق يەنە بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. سان ۋە تىنىش بەلگىلىرى ئۆلچەملىك چىقماي قۇر ئاخىرىغا كىتىپ قالىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئوڭشايمىز.
يېزىق كىرگۈزۈپ بولۇپ، تىزىملىك سىتونىدىكى يېزىق (文字) نىڭ ئىچىدىكى تىل تاللاش (语言选项) نىڭ ئىچىدىكى يۈنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلاش (自右向左字符方向) نى تاللىساق يېزىقتىكى ئالاھىدە بەلگىلەر توغرىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- ps دە ئوتنى كېسىپ ئېلىش
- PS دە ئارقا مەنزىرىنى سوزۇش
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-1
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-2
- سۇ دولقۇنى شەكىللىك خەت ياساش
- PS دە سەپكۈننى يوقىتىش ئۇسۇلى
- PS دە ئارقا رەڭنى سۈزۈش
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- بۇ رەسىملەر PS قىلىنمىغان، ھەقىقىي كامىرا تېخنىكىسى
- Photoshop تا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار
- Photoshop2019 قا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش