Photoshop2019 قا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش
Photoshop بولسا ئامېرىكا Adobe شىركىتىنىڭ داڭلىق رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دىتالى. بۇ دىتال كومپيۇتېردا رەسىم بىر تەرەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان دىتال بولۇپ، ھازىر بۇنىڭ 2019-يىللىق نەشىرى تارقىتىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ھەر قېتىملىق يېڭىلىنىشتا يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ رەسىم بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كۆپ قۇلايلىقلارنى كەلتۈردى. بۇ دىتالنىڭ نەشىرى يۇقىرىلىغانسىرى قوللاش دائىرىسىمۇ ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. مانا ئەمدى بولسا ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈشمۇ ئەمەلگە ئاشتى. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللاتقۇزۇشنى ئۈگىنىپ ئۈتەيلى
ئىزاھات:
بىر قىسىم تورداشلار خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچان ئىشلەيسىلەر دەپ كۆپ قېتىم سورىدى. مەن بۇ يەردە كۆپچىلىككە خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈچگۈچ توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۈتەي. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ كۆپلەپ تەكىتلىشى ۋە خەلقئارادا Unicode نى ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىشى ئاستىدا Unicode نى قوللىمايدىغان كىرگۈزگۈچ ياساپ، تور دۇنياسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى كومپيۇتېر تېخنىكىسىدا خەت نۇسخىسىنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرسەك شۇنىڭ ئۈزى كۇپايە. خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولسا Unicode نى قوللىمايدىغان سىستېما ۋە دىتاللار ئۈچۈن يېزىق كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان قۇرال دىتال ئىدى. بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى نىشانىمىز بولسا خىيالنىڭ Unicode ئاساسىدىكى خەت ئامبىرى ياساش، خەت ئامبىرىنى كېڭەيتىش، ئىملا توغرىلاش دىتاللىرىنى كۆپلەپ ئىشلەش.
Photoshop نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللاشنى تەڭشەش باسقۇچى تۆۋەندىكىچە:
يۇقارقى تەرتىپ بويىچە 编辑 نىڭ ئىچىدىن 首选项 نى ئاچىمىز. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تارماق تىزىملىك 文字 نى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن كۆرسىتىلگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئەمدى Photoshop نى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن يېزىق كىرگۈزۈشتە بىۋاسىتە يېزىق كىرگۈزسەك بولىدۇ.
مانا ئەمدى بىز بۇ ئەجنەبى دىتالدا ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاسىتە يېزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. ئەمدى پەقەت خەت نۇسخىسى بولسىلا بولدى
مەسئۇل تەھرىر: خىيال
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- ps دە ئوتنى كېسىپ ئېلىش
- PS دە ئارقا مەنزىرىنى سوزۇش
- Photoshop2023غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-1
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-2
- سۇ دولقۇنى شەكىللىك خەت ياساش
- PS دە سەپكۈننى يوقىتىش ئۇسۇلى
- PS دە ئارقا رەڭنى سۈزۈش
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- بۇ رەسىملەر PS قىلىنمىغان، ھەقىقىي كامىرا تېخنىكىسى
- Photoshop تا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار