ئۆزگەرگۈچى مىقدار ۋە تۇراقلىق مىقدارنىڭ ئېنىقلىمسى
ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئېنىقلاش
Dim a as integer
ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى Dim ئارقىلىق ئېنىقلاش ئېلىپ بارىمىز. قىممىتىنى خالىغاندا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
تۇراقلىق مىقدارنى ئېنىقلاش
Const p=3.14
تۇراقلىق مىقدارنىڭ قىممىتى دەسلەپتە بىرىلگەن قىممەت نىمە بولسا شۇ بويىچە بولىدۇ. خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ئېنىقلىما بىرىش
Public a as integer
يۇقارقى بۇيرۇقتىكى public ئارقىلىق ئېنىقلىما بىرىلسە تەسىر قىلىش دائىرىسى بارلىق كۆزنەك ئىچىدە بولىدۇ.
Private b as integer
يۇقارقى بۇيرۇقتىكى Private بولسا تەسىر قىلىش دائىرىسى مەزكۇر كۆزنەك ئىچىدىلا بولىدۇ.
يۇقارقى public بويىچە ئېنىقلىما بىرىلگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى باشقا كۆزنەكتە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئالدىغا شۇ كۆزنەك نامىنى بىرىپ چىكىت ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
يۇقارقى Public ئارقىلىق ئېنىقلىما بىرىلگەن a بولسا form1 كۆزنەكتە بولۇپ، بۇنى form2 دە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە تۆۋەندىكىدەك يېزىلىدۇ.
Form2 دە ئىشلىتىلىشى | Form1 دىكى ئېنىقلىما بىرىلگەن ھالىتى |
B=form1.a | Public a as integer |
ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ نامىنىڭ بىرىنچى خانىسى چوقۇم ھەرپ بىلەن باشلىنىشى كېرەك. سان ياكى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدۇ.
شەرت جۈملىسى ئىچىدىكى لوگىكىلىك ئەمەللەر
And بولسا «بىلەن» دىگەن مەنىدە بولۇپ، تەڭ دەرىجىلىك قىممەت ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
Or بولسا «ياكى» دىگەن مەنىدە بولۇپ، خالىغان بىر قىممەتنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
Xor بولسا «تاق تاللاش» دىگەن مەنىدە بولۇپ، پەقەت بىرلا قىممەتنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
Not بولسا «ئەكسى» دىگەن مەنىدە بولۇپ، قىممەتنىڭ ئەكسىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
AndAlso بولسا ئاۋۋال سولدىكى نەتىجىگە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سولدىكى نەتىجە ئىناۋەتلىك بولسا ئاندىن ئوڭدىكى نەتىجىنىمۇ تەكشۈردۇ، ئەگەر سولدىكى نەتىجە ئىناۋەتلىك بولمىسا ئوڭدىكىنى تەكشۈرمەيدۇ.
Like بولسا تەركىبىدە بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈش. مەسىلەن:
Dim s is string
s=”ABCDEF”
if s like “AB**” then
msgbox (“bar”)
else
“msgbox (“yok”)
End if
ماتىماتىكىلىك ئەمەللەر
- بولسا ئېلىش ئەمىلى
+ بولسا قوشۇش ئەمىلى
* بولسا كۆپەيتىش ئەمىلى
/ بولسا بۈلۈش ئەمىلى
\ بولسا پۈتۈن بۈلۈش ئەمىلى
Mod بولسا پۈتۈن بۆلگەندىكى قالدۇق
< بولسا چوڭلۇق بەلگىسى
> بولسا كىچىكلىك بەلگىسى
=< بولسا چوڭ ياكى تەڭ
=> بولسا كىچىك ياكى تەڭ
<> تەڭ ئەمەس بەلگىسى
ۋاقىتلىق ساقلاش كودى
System.Threading.Thread.Sleep(1000)
بۇنىڭدىكى 1000 بولسا بىر سىكونت ساقلاشنى بىلدۈرىدۇ
ئېچىلغان تىكىست رامكىسىغا ئۇچۇر يېزىش كودى
SendKeys.SendWait(“text”)
"" نىڭ ئىچىدە
Ctrl كۇنۇپكىسى ئۈچۈن ^
Alt كۇنۇپكىسى ئۈچۈن %
Enter كۇنۇپكىسى ئۈچۈن Enter
ئاستى كۇنۇپكا Down بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇلار {} نىڭ ئىچىگە ئېلىنىدۇ.مەسىلەن:
Ctrl+Alt+I كۇنۇپكىسى ئۈچۈن
SendKeys.SendWait(“^%{i}”)
بېسىلغان كۇنۇپكىنىڭ Ascii نومۇرىغا ئېرىشىش
Msgbox(AscW(e.KeyChar))
بېسىلغان كۇنۇپكىسىنىڭ قىممىتىگە ئېرىشىش
MsgBox(ChrW(e.KeyValue))
ھەرپ تىزىقى ئىچىدىكى قوش پەش لازىم بولغاندا
Shell(“cmd /c explorer ““C:\Windows”””)
يۇقىردىكىدەك قوش پەش ئېلىشقا توغرا كەلسە ئىككى دانە قوش پەش ئىچىدە ئىشلىتىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- VB.net دا ئۆزگەرگۈچى مىقدار ۋە تۇراقلىق مىقدارنىڭ ئېنىقلىمسى
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان winrar 6.4
- زاۋۇت نۇسخىسىدىكى زەرەتلىگۈچ بىلەن ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچنىڭ پەرقى
- «يانفون شاھى» S23 Ultraنىڭ باھاسى بىراقلا 3000 يۈەن چۈشتى!
- AI دا ئۈچ ئۆلچەملىك خەت ياساش
- كۆركەم ھۆسىنخەتلەر
- چاۋشەن ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قىزىل يۇلتۇز 3.0 نى چىقاردى
- راھەت يانفۇن تەگلىكلىرى
- IPhone15 نىڭ قىززىپ كىتىش مەسىلىسىنى دىتال يېڭىلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى
- توغراق مەنزىرىسى
- شىنجاڭ يايلاق مەنزىرىسى
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەگلىكلەر