PS دە ئارقا مەنزىرىنى سوزۇش
photoshop تىلغا ئېلىنسا خېلى جىق ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۈگۈن بىز تۆۋەندىكى بىر پارچە رەسىمنىڭ ئارقا كۈرنۈشىنى سوزۇپ باقايلى.
تەلەپ: ئەسلىدىكى رەسىم 500 * 697 پىكسىللىق رەسىمنى 700 *697 پىكسىل قىلىمىز.
رەسىمنى ئاچقاندىن كېيىن بىۋاسىتە رەسىمنىڭ كەڭلىكىنى ئەسلىدىكى 500 پىكسىلدىن 700 پىكسىلغا تەڭشىسىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ئادەم سىمىز چىقىپ قالىدۇ.
ئاۋۋال يېڭىدىن 700* 697 پىكسىللىق ئۆلچەمدىكى قۇرۇق ھۆججەتتىن بىرنى ئېچىۋېلىپ، يۇقارقى ئەسلى رەسىمنى چاپلايمىز.
قۇرال سىتونىدىكى ئىقتىيارى تاللاش 套搜工具 ئارقىلىق ئادەمنى تاللىۋالىمىز.
تاللىغان دائىرە ئىچىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، دائىرىگە ئىسىم قويۇپ ساقلاش تۈرىنى تاللاپ، خالىغانچە ئىسىم قۇيىمىز.
يۇقارقى تاللاشنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىن، تەھرىرلەش 编辑 نىڭ ئىچىدىن مەزمۇننى پەرقلەندۈرۈپ رازمىرىنى تەڭشەش 内容识别缩放 نى تاللاپ ئارقا تەگلىكنى سوزىساق بولىدۇ.
مانا ئەمدى ئەسلىدىكى رەسىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتمىگەن ئاساستا ئارقا تەگلىكنى سوزاش مەقسىدىگە يەتتۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- psدە ئوتتۇرىغا توغرىلاش
- ps دە ئوتنى كېسىپ ئېلىش
- Photoshop2023غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-1
- PS دە ئىشلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك خەت-2
- سۇ دولقۇنى شەكىللىك خەت ياساش
- PS دە سەپكۈننى يوقىتىش ئۇسۇلى
- PS دە ئارقا رەڭنى سۈزۈش
- Adobe شىركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى
- بۇ رەسىملەر PS قىلىنمىغان، ھەقىقىي كامىرا تېخنىكىسى
- Ghost ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى كىلونلاش
- Photoshop تا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار