باش بەت > ماقالىلەر > قوللىنىشچان دىتاللار

بەش يۈرۈش قوللىنىشچان دىتاللار تەۋىسيىسى

قوللىنىشچان دىتاللارخىيال2023-09-13 18:25:21A+A-

 كۆپچىلىك بىلەن بەش خىل قوللىنىشچان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى قولنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلايلى! ئۇ ئوخشىمىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىشخانا ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئەس قاتىدىغان ئىقتىدارلىرى بار!

1-utools 

چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://www.u.tools

 uTools ئەڭ ئاددىي، قىستۇرما زامانىۋى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتالى بولۇپ، مول قىستۇرما دېتاللارنى ئەركىن تاللاش ئارقىلىق قولايلىق قوراللار توپلىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. uTools نىڭ كۈچلۈك قىستۇرما سىستېمىسى بار، سىزگە تەييارلىغان 700دىن ئارتۇق قىستۇرما بار، ھەر بىر قىستۇرما بىر كونكرېت كۆرۈنۈشنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئاددىي ھەم چىرايلىق. قىستۇرما باشقۇرۇشقا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ قۇراشتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قولىڭىزغا ئەڭ ماس كېلىدىغان قوراللار توپلىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل كۈندىلىك مەشغۇلاتلارغا قولايلىق يارىتالايسىز.

屏幕截图 2023-09-13 183102.png


2-DropIt

چۈشۈرۈش ئادرىسى: dropitproject.com

 Droplt بولسا بىر خىل ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز، ئاسان ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھۆججەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئىزدەش ۋە قولدا ئېچىش، شۇنداقلا ھۆججەتنى يۆتكەش قاتارلىق مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى يوقىتالايدۇ. سىز پەقەت بارلىق ھۆججەتلەرنى تاللاپ، Droplt سىنبەلگىسىگە سۆرەپ ئەكىرسىڭىز، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا بۇ ھۆججەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، مۇناسىپ ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ بېرىدۇ، يەنە تەكرار كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، ئىختىيارى كېلىشىم تۈزۈش، پىششىق ئىشلەتكەندىن كېيىن بەك قولايلىق.

屏幕截图 2023-09-13 183430.png


3-亿可达

چۈشۈرۈش ئادرىسى:https://ycoda.com

亿可达 بىر خىل كۈچلۈك ھەم جانلىق بولغان ئاپتوماتلاشتۇرۇش قورالى. ئۇ كۆپ خىل قوللىنىشچان پروگراممىلارغا ئۇلىنىپ، ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. « قوزغاتقۇچ » ۋە « ھەرىكەت » شارائىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان سۇپىلاردا سانلىق مەلۇمات يوللاش، ئۇقتۇرۇش يوللاش، ھۆججەتلەرنى ماس قەدەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. بۇ ئاپتوماتلاشقان ۋەزىپىلەر سىزنىڭ قول بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتىڭىزنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، دىققىتىڭىزنى تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرگە قارىتىدۇ.

屏幕截图 2023-09-13 183709.png


4-Everything

چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://dl.qhhnwl.cn/sinfo/104354922_4002453.html 

 0.01 سېكونت ئىچىدە كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنى ئىزدىيەلەيدىغان سىرلىق قورال. قايسى كۈنى سىز كومپيۇتېردىكى ھۆججەتىنى قەيەرگە قويغىنىڭىزنى بىلمەيسىز، سىناپ بېقىڭ، ھەر كۈنى ئىشلىتىڭ، بۇ كومپيۇتېر بىلەن بىللە كەلگەن ئىزدەش ئىقتىدارىدىن كۆپ كۈچلۈك! سىز ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئاساسىي جەھەتتىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ھۆججەت بىر سېكۇنت ئىچىدىلا چىقىدۇ. ساقلاشنىڭ  ھاجىتى يوق! كىم ئىشلەتسە شۇ بىلىدۇ، ئىشلەتسە ئۇنتالمايدۇ. ھۆججەت مىقدارى كۆپ دوستلار، چوقۇم بۇ دىتالنى  چۈشۈرۈپ قويۇشۇڭلار كېرەك، بۇ خۇددى سىزنىڭ ھۆججەت ئىزدىگەندىكى پەرىشتىڭىز.

屏幕截图 2023-09-13 184032.png


5-迅捷OCR رەسىمدىكى يېزىقنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش

چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://www.xunjiepdf.com/ocr/?hfzhxy230526-602849376 

迅捷OCR文  بولسا  ئەقلىي ئىقتىدارلىق OCR سۈرەت-يېزىق پەرقلەندۈرۈش قورالى، بۇ يۇمشاق دېتال سۈرەت، سكاننېرلانغان نۇسخا، PDF قاتارلىق ھۆججەتلەردىكى يېزىق مەزمۇنىنى تېز، توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇنى  تەھرىرلەشكە بولىدىغان تېكىست شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال رەسىم، سكاننېرلانغان نۇسخا، PDF قاتارلىق ھۆججەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كىرگۈزۈش شەكلىنى قوللايدۇ، بىر ۋاراق ياكى تۈركۈمگە بۆلۈپ تونۇيدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ كۆپ مىقداردىكى يېزىقنى تونۇيدۇ ۋە ئايلاندۇرىدۇ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ 
屏幕截图 2023-09-13 184435.png

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!