ئۇيغۇرچە يۇنىكود كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (يېڭى)
ئۇيغۇرچە يۇنىكود كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (يېڭى)
يۇلغۇن تور بېكتىنىڭ قۇرغۇچىسى، UKIJ نىڭ رەئىسى مۇھەممەدجان ئەپەندى تۈزگەن يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى يېڭىلانغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ئىشلىتۋاتقىنى يەنىلا بۇرۇنقى كود ئىكەن. شۇڭا يېڭى كودنىڭ ئالاھىدىلىگى، قولايلىقىغىنى تورداشلارغا بىلدۈرۈپ ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يېزىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
نۆۋەتتە ئىككى خىل كىرگۈزۈش كودى بار،پەقەت ئاساسى رايۇن ئىشىلتىدىغان كود ئۇسۇلىلا تەۋسىيە قىلىندى
1. ئاساسى رايۇن قوللىنىلغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى
ماس كېلىدىغان مۇھىت:
Microsoftنىڭ Win2000 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولغانمەشغۇلات سىستېمىسى، ھەر خىل Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە شۇلارغا ماستور بەت كۆرۈش قوراللىرى.
ئالاھىدىلىگى:
Unicode ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش.
Ctrl-K بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش (Maxthon دا Ctrl+B).
Ctrl-U بىلەن كومپىيوتىرىڭېزدىكى سىز ئالدىن كۆچۈرگەن UKY دىكى تېكىستنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كىرگۈزۈش. (Internet Explorer دا ئىشلەيدۇ.)
Ctrl-T ئارقىلىق تېكىست رايۇنىنىڭ يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىش.
Ctrl-J ئارقىلىق كونا ئەلكاتىپ (al katip) شەكلىدە كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنى Unicode ئۆلچىمىدە چاپلاش.
چوڭچە يېزىلغان T ھەرىپىنى (نورمالدا shift-t) بېسىش ئارقىلىق خەتنى سوزۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
(1). بۇ كىرگۈزۈش كودى bedit.js دېگەن بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقانبولۇپ، ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ <head> ۋە</head> نىڭ ئارىلىقىغا تۆۋەندىكىدەك كودنى يېزىپ قويىمىز:
<head>
...
<script src="bedit.js"></script>
...
</head>
(2). ئاندىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
(تۆۋەندىكى كودنى ئادەتتە <script src="bedit.js"></script> نىڭ ئاستىغا يازساق بولىدۇ).
*1- ئۇسۇل
<script language=javascript>attachAll = true; </script>
بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.
*2- ئۇسۇل
<script language=javascript>
attachAll = true;
bedit_deny="textarea2:input3";
</script>
بۇكودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دىنباشقا بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ،ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوشچېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكەئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىقبېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.
*3- ئۇسۇل
<script language=javascript>
bedit_allow = "textarea1:input3";
</script>
بۇكودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3دېگەن ئىككى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ،قالغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچىبولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساقبولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغانhead.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەتسىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.
بۇنىڭغا لازىم بولىدىغان bedit.js نى ئاستىدىكى مەزىلدىن كىرىپ چۈشۈرۈڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- خىيال تەگلىكلىرى
- خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 نەشىرى
- خىيال ئۆلچەملىك نەسخى خەت نۇسخىسى
- خىيال ئۆلچەملىك ياغاچ خەت نۇسخىسى
- خىيال يازما بودەك خەت نۇسخىسى
- خىيال ئۆلچەملىك يازما خەت نۇسخىسى
- خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 1.1 نۇسخىسى
- خىيال تەگلىك رەسىملىرىدىن ئۆرنەكلەر
- كومپيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى بەرسە قايتا قوزغىلىپ كىتىشنى ئوڭشاش
- توي رەسىم قېلىپلىرى
- قىزلار كىيىم ۋە چاچ قېلىپلىرى
- ئاياللار كىنىشكا قېلىپلىرى