باش بەت > ماقالىلەر > مەشغۇلات سىستېمىسى

Windows ھازىر 30 ياشقا كىردى، سىز قايسىسىنى بىلىسىز؟

مەشغۇلات سىستېمىسىخىيال2023-09-02 12:58:37A+A-

Windows مەشغۇلات سىستېمىسى سۇپىسى بولسا ھازىر كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتقان مەشغۇلات سۇپا سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېما بىلەن تۇنۇشمايدىغان كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى يوق دىيەرلىك. 1985-يىلى تۇنجى Windows ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 2015-يىلىغىچە بولغان 30 يىللىق تارىختا، كۆپ قېتىم يېڭىلىنىپ، كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قاراپ باقايلى:

1.jpg
1- 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى تۇنجى قېتىملىق مەشغۇلات سىستېمىسى Windows سىستېمىسىنىڭ 1.0 نەشىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي كۆزنەك شەكلىدە ۋەزىپە ئورۇندايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولغاچقا كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ ئاتالدى. 1.0 نەشىرى بولسا MS-Dos ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كۈرۈنمە يۈزىمۇ ئىنتايىن قۇپال ئىدى. شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن بۇ بىر بۈسۈش خاراكتېرلىك سىستېما ئىدى. دەسلەپتە بۇ سىستېمىنىڭ ئىسمى Windows بولماستىن، كۈرۈنمە يۈزلۈك باشقۇرغۇچى دەپ ئاتالغان ئىدى. كىيىن مىكروسوفىت شىركىتى Windows دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.

2.jpg
2- 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى Windows نىڭ 2.0 نەشىرى رەسمىي يۇسۇندا سېتىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدا كۆپ كۆزنەك، سىنبەلگە، تېزلەتمە كۇنۇپكا، كونترول تاختىسى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن دەسلەپكى كۆزنەك مەشغۇلات سىستمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەسلەپكى نۇسخا بولسا Mac مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يېقىنقى كۈرۈنۈش ھالىتىگە ئوخشاپ قالغان (ئىزاھات: Mac سىستېمىسى Windows دىن خېلى كىيىن بارلىققا كەلگەن. ھەرگىزمۇ Mac دىن كۆچۈرگەن دىگەن مەنىدە چۈشىنىپ قالماڭ).

3.jpg
3- windows نىڭ 3.0 نەشىرى 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ياسالغان بولۇپ، بۇرۇنقى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ سىپتا ئىشلەنگەن. كەمىنىمۇ دەل مۇشۇ سىستېمىدىن باشلاپ Windows بىلەن تۇنۇشقان. بۇ سىستېمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى، شەخىسكە يۈزلەنگەن ھالىتى، ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتتە زور بۈسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە  100 مىلىيۇن نۇسخا سېتىلغان. بۇ سىستېما دەل مىكروسوفىتنى ھازىرقىدەك كۈچلۈك كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاساس سالغان. بۇ سىستېما قاتتىق دېسكىغا قاچىلىنىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، قاتتىق دېسكىدىن ئىگەللىگەن بوشلۇقى 5MB ئىدى. ئەينى دەۋىردە بۇ 5MB خېلى چوڭ سىغىم ھېسابلىناتتى. بۇ سىستېما يەنە پروگرامما باشقۇرغۇچ، ھۆججەت باشقۇرغۇچ، كىچىك تىپتىكى قارتا ئويۇنى، مىنا تازىلاش ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا دەسلەپكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىنتايىن يېقىشلىق تۇيغۇ بەرگەن.

4.jpg
4- 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى Windows يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ NT دەۋرىگە قەدەم قويدى. Windows NT بولسا 32 خانىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كۆپلىگەن قاتتىق دىتاللارنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

5.jpg
5- 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى Windows95 رەسمى تارقىتىلدى. بۇنىڭدا دەسلەپتە باشلاش تىزىملىكى ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ قۇلاي بولغان مەشغۇلات بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋازىپە ئىستونى ئۇقۇمىمۇ بىرلىكتە نامايەن بولدى. Windows95 نىڭ بەش خىل نەشىرى تارقىتىلغان بولۇپ، دەسلەپكى توربەت زىيارەت قىلغۇچنىمۇ ئۆزىگە قوشىۋالغان ئىدى.
95.png


6- 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى Windows نىڭ 98 نەشىرى تارقىتىلدى. بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ، تور زىيارەت قىلىش تىزلىكى بۇرۇنقىدىن تىزلەشتى. بىراق، بۇ نەشىرى تارقىتىلىپ بىر يىل ئىچىدە مىكروسوفىت شىركىتى كۆپ قېتىم Bug يېڭىلاش ئېلىپ باردى. تۇنجى قېتىم USB ئۈسكۈنىلەرنى قوللاش ۋە ئىكران لاھىيىلەشنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
6.jpg


7- 2000-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى Windows2000 نەشىرى تارقىتىلدى. بۇ نەشىرىدە Windows Nt ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھەقىقىي 32 خانىلىق تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ سەھىپىسىنى ئاچتى. شۇنداقلا كاخانىغا يۈزلەنگەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

7.jpg8- 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى Windows ME نى ياساپ چىقتى. بۇ دەسلەپتىكى رەسىم بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىستېما يەنە CD دېسكىسى ئويۇش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولغاچقا سېتىلىشى تېزلىكتە ئاشتى.
8.jpg


9. 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى تۇنجى كۆركەم يۈزلۈك مەشغۇلات سىستېمىسى Windows XP نى تارقاتتى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ تارقىتىلغان مەشغۇلات سىسمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى 17 يىلدىن بېرى ھىلى ھەممۇ ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىلگىنى يوق. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى كۆركەم ۋە سىپتا بولىشىمۇ كىشىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاۋۇ تەگلىك رەسىمنى 3 مىلىيۇن دوللارغا مىكروسوفىت شىركىتى سېتىۋالغان ئىكەن.

9.jpg
10. 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى Windows Vista نى تارقاتقان. دەسلەپ بۇ سىستېمىغا Vista  دەپ ئىسىم قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن، قىزىل مۈڭگۈز دەپمۇ ئاتالغان. 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمى ھالدا كارخانا نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ كارخانىلارغا ۋە شەخسى كومپيۇتېرلارغا تەمىنلەشنى يولغا قويدى. بىراق بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇزۇن دەۋىر سۈرەلمىدى. چۈنكى بىر قىسىم قاتتىق دىتاللارغا بولغان قوللاش يىتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇنداقلا ئىشلەتكەنسىرى سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن مىكروسوفىت شىركىتىمۇ داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچتى. بۇ بىر مەغلۇب بولغان مەشغۇلات سىتېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
10.jpg



11. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى Windows7 رەسمىي تارقىتىلغاندىن كېيىن Vista نىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەشغۇلات سىتېمىسى كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا باشلىدى. ھازىرمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

11.jpg
12. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى windows8 رەسمى تارقىتىلدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولسا Aero ئەينەك يۈزلۈك باشلاش تىزىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسلىقى چەكمە ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى.

12.jpg
13. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى Windows10 نى تارقاتتى. بۇرۇنقى Windows8 دىكى بارلىق كەمچىللىكلەرنى بۇ قېتىم بىر قاتاردا تۈزىتىپ چىقتى. يېڭى ئىقتىدارلاردىن Cortana ئاۋازلىق ئىزدەش ياردەمچىسى، پۈتۈنلەي يېڭىلانغان ھەرىكەت مەركىزى، شۇنداقلا يېڭىدىن تارقىتىلغان تور زىيارەت قىلغۇچ EDGE، مەۋھۇم ئىكران، Windows Hello بىخەتەر كىرىش كۆزنىكى ئىكرانى قاتالىقلار بار .

14.jpg

14. 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفىت شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلات مەشغۇلات سىستېمىسى Windows11 نى تارقاتتى. بۇ قېتىمقى نەشىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن باشلاش سىتونى بۇندىن بۇرۇنقى نەشىرلىرىگە قارىغاندا باشقىچە ئۆزگەرتىلدى.

111.jpg

15-نۆۋەتتىكى پىلاندا مىكروسوفىت شىركىتى 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭى بىر ئەۋلات مەشغۇلات سىستېمىسى Windows12 نى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ھازىرچە بۇ سىستېمىغا قارىتا چۈشەنچىمىز كەمچىل بولغاچقا ئارتۇق سۆزلىمىدۇق.

212.jpg

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!