باش بەت > ماقالىلەر > ئىشخانا سىستېمىسى

Excel دا سىتون ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى

ئىشخانا سىستېمىسى小编2023-08-27 23:58:23A+A-

Excel نى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر سىتوندىكى ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ياكى كەينىدىكى سىتونغا ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئۇچرايدۇ. بۇنداق مەشغۇلاتنى بىجىرىشتە بىز مۇنداق بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى بىجىرىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، C سىتوندىكى مەزمۇنلارنى B سىتوننىڭ ئالدىغا يۆتكەش. بۇ مەشغۇلاتنى بىجىرىشتە بىز ئاۋۋال B سىتوننىڭ ئالدىغا بىر قۇرۇق سىتون قىستۇرۇپ كىرگۈزىمىز. بۇ ۋاقىتتا B  سىتون C  غا ، C  سىتون D غا ئۆزگىرەيدۇ. ئاندىن D سىتوندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ، B سىتونغا چاپلاپ بولۇپ، D سىتوننى ئۆچۈرۋىتىمىز. يەنە بىر خىل ئۇسۇل، C سىتوننى كىسىۋېلىپ، B سىننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 插入已剪切的单元格 نى تاللاش ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئاۋارچىلىق. تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بۇ مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى:  يۇقارقى مەشغۇلاتنى مىسالغا ئالساق، C سىتوننى تاللايمىز، ئاندىن مائۇسنىڭ C سىتوننىڭ سىتون نومۇرى ئاستىدىكى سىزىق ئۈستىگە ئەكەلسەك مائۇس ئىستىرىلىسى تۆت تەرەپكە كۆرسىتىلگەن + بەلگىسى شەكلىگە ئۆزگىرەيدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، مائۇسنى بېسىپ سول تەرەپكە يۆتكەپ، مائۇسنى قويىۋەتسەك C سىتوندىكى مەزمۇنلار B سىتوننىڭ ئالدىغا يۆتكىلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!