باش بەت > ماقالىلەر > مەشغۇلات سىستېمىسى

Win10 نىڭ يىراقتىن كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئېچىش

11.png


بەزىدە ئىچكى تور (يەنى دائىرىلىك تور) دا ئىشخانىلار ئارا كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونترول قىلىشقا ئىھتىياجىمىز چۈشۈپ قالدۇ. نۆۋەتتە يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى win10 نىڭ ئومۇملىشىشى تېز بولىۋاتقان بۇ مەزگىللەردە بۇ سىستېما ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئېچىشنى بىلمەي بىزگە سۆز قالدۇرغانلارمۇ ھېلىھەم چىقتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىر بۇ يېڭى سىستېمىدىكى مەشغۇلات قائىدىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز.

كومپيۇتېرىم سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن چىققان تىزىملىكتىن خاسلىق (属性) تۈرىنى تاللايمىز.


12.PNG


يىراقتىن كونترول قىلىشنى بىكىتىش (远程设置) نى چېكىمىز.


13.PNG


تۆۋەندىكى قىزىل دائىرىدە تاللانغان تەڭشەك بويىچە تاللاپ بىكىتىمىز. بۇ تەڭشەك دەل كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونترول قىلىشقا رۇخسەت قىلىش كىلىشىمى ھېسابلىنىدۇ.


14.PNG


يۇقارقى كۆزنەكتىكى ئىشلەتكۈچى تاللاش (选择用户) نى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك ئارقىلىق مۇشۇ كومپيۇتېرنى يىراقتىن كونترول قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ئىشلەتكۈچىنى تاللايمىز.


15.PNG



ئەمدى باشقا كومپيۇتېرنىڭ باشلاش تىزىملىكى ئىچىدىكى يىراقتىن ئۇلىنىدىغان ئۈستەل يۈزى (远程桌面连接) نى ئېچىپ، مەزكۇر كومپيۇتېرنىڭ IP ئادرىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلاشقا بولىدۇ.

دىققەت:
يۇقىرىدا سىز قوشقان ئىشلەتكۈچىگە مەخپى نومۇر بىكىتىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا يىراقتىن ئۇلىنىشقا كىرىشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل تەھىر:


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىنىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ئېچىلىۋاتىدۇ...

Copyright © 2006-2023 خىيال ئۇنۋېرسال تورى يۇمشاق دىتال ئىشخانىسى
بىكىتىمىزنىڭ رويىخەت نومۇرى:苏ICP备17005574号-1
TAGخەتكۈچلەر

qrcode
توردا مۇلازىمەت
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

1362998XXXX

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!