Adobe firefly نى ئېلان قىلدى. AI ئارقىلىق مۇزىكا ھاسىل قىلالايدۇ

Adobe شىركىتى رەسمى ھالدا firefly قۇرالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قۇرال مۇزىكا ھاسىللاش، ھاسىل قىلغان مۇزىكىغا ئۈنۈم قوشۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە. ئىشلەتكۈچىلەر بىۋاسىتە كومپيۇتېر نۇسخىسى ۋە ياكى تور بەت نۇسخىسىدىكى firefly نى قوزغىتىش ئارقىلىق، سودا پاتنىتىغا دەخلى قىلمىغان ئاساستا مۇزىكا ۋە ناخشا ئىشلىيەلەيدۇ.
adobe شىركىتى بىلەن پاكلىل مۇزىكا ئىنىستىتوتى يېقىندا بىرلىشىپ بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا %100 زىيارەت قىلىنغۇچى سۈرەتلىك ناخشا ئىشلەش، مۇزىكىلىق ناخشا ئىشلەش قاتارلىق خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ %32.7 ى ئاساسەن ai تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەيدىكەن. يەنە %43.2 كىشى نەشىر ھوقۇقى خەيىم خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىدىكەن. %38.9 ى ھەقلىق ھالدا سۈرەتكە ناخشا كىرىشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ adobe شىركىتى firefly «مۇزىكا ھاسىل قىلىش »تا سىنلىق مەزمۇن، كەيپىيات، رىتىم ۋە ۋاقتىغا ئاساسەن ئىجادى ھەم تولۇق ھوقۇق بىرىلگەن مۇزىكا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەھرىرلەپ تاللىشى ئۈچۈن تۆت لاھىيە تەمىنلەيدۇ. adobe مۇنداق بىلدۈردى: ھاسىل قىلغان مەزمۇنغا ئارتۇق مۇشتەرى بولمىسىمۇ سودا ئەسەرلىرىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئاۋاز ھاسىل قىلىش سىنارىيىسىنى تەبىئىي ياندىن چۈشەندۈرۈشكە ئايلاندۇرۇپ، adobe firefly ئاۋاز مودىلى ۋە ElevenLabs مودىلىنىىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىپادىلەش كۈچى، تەلەپپۇز قاتارلىق بەلگىلەر ئارقىلىق ئاۋاز ئۈنۈمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ؛ «ئاۋاز ھاسىل قىلىش» تېكىست ئەسكەرتمىسى ياكى ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ، كۈرۈنۈش ھەركىتى، رىتىم ۋە كەيپىياتقا ماس كېلىدىغان ئاۋاز ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنى قوللايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، Adobe FireFLY نىڭ ئۈچىنچى تەرەپ مودىل ئىكلوگىيىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، GeminiOmniFlash نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ بەردى. بۇنىڭدا سىن، ئاۋاز ۋە سۈرەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەزمۇن ئىجادىيىتى قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىىڭدىن ئىلگىرى Firefly Runway Aleph2.0 ۋە Kling 2.0 گە قوشۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە مودىل سېپى، OpenAI, Luma AI, Kling AI, Google runway ۋە adobe نىڭ ئۆزىگە خاس مودىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. adobe كۆپ مودىل ۋە كۆپ كۆپ مودىللىق ئۈن-سىن ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈپ، firefly نىڭ بىر بىكەت شەكلىدىكى ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى ئىجادىيەت شەكلىدىكى خىزمەت ئېقىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- Photoshop 2026 رەسىم چىقىرىش يادروسىدىكى يېڭى بۆسۈش
- Adobe نىڭ 2026-يىللىق توپلىمى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرۋېلىڭ
- macOS 27 نىڭ 3-ئاشكارا سىناق نۇسخىسى ئاچقۇچىلاردىن باشقىلارمۇ يېڭىلىقنى سىناپ باقسا بولىدۇ
- شياۋمى 18 Pro تۇنجى قېتىم لېيكا قوش 200 مىليون پېكسىلنى قوللايدىغان قىلىپ بازارغا سالىدۇ
- توخۇ قوردىقى ماركا لاھىيىسى
- Windhawkنىڭ 750 مىڭ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرما دېتال! زادى قانچىلىك قەبىھ؟
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدا ئېلان قىلىنغان ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى نامىدىكى 95 يۈرۈش خەت نۇسخىسى
- ئالما كومپيۇتېرى ئېلىش كىرەكمۇ windows كومپيۇتېرمۇ؟
- خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۈلەكلىرى
