ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى نامىدىكى 95 يۈرۈش خەت نۇسخىسى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى MS-DOS قا كىرگۈزۈش ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن ياسىلىشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى ياراتقان شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى MS-DOS ،Windows 3.1 ،Windows 95/97 ،Windows 98 ،Windows 2000 ۋە Windows XP لەردە ھەر خىل نام، ھەر خىل «ئۆلچەم» لەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە Unicode ئىشلەتكەن ئەڭ دەسلەپكى خەت نۇسخىلىرى 2002- يىلى ئىيۇندا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ سانى ۋە ناملىرىمۇ كۆپىيىپ (تولۇقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە خىل خەت نۇسخىسى 500 نەچچە خىل ئوخشىمىغان نامدا ئىشلىتىلگەن) بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىققان. جەمئىيىتىمىز ئۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە خەت نۇسخىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىيار قىلغان خەتتاتلار، كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى، شىركەتلەر ۋە باشقا ئەزالاردىن پىكىر ئالغان. شۇ ئارقىلىق، 2004- يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاشۇ خەت نۇسخىلىرى تۈنجى قېتىملىق رەتلەش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ناملىرى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ناملىرىغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، بۇرۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىمۇ قوشۇش، باسمىدا ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنىمۇ تولۇقلاش، ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش قاتارلىق تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن.
2- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش جەريانىدا ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش مەقسىتىدە قوشۇلغان بەزى ھەرپلەر 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلى بويىچە خەت كىرگۈزمەيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر تەرىپىدىن خاتا ئىشلىتىلىپ قېلىپ ئوخشىمىغان تەتقىقاتچىلار ياسىغان خەت نۇسخىلىرىدا «كود توقۇنۇشى» كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، 2008-يىل ئاخىرىدىن 2010-يىل ئاخىرىغىچە 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلدى.
چۈشۈرۈش قاتارى
دەرھال چۈشۈرۈڭ(6.71MB)مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرمىلەر
- Windhawkنىڭ 750 مىڭ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرما دېتال! زادى قانچىلىك قەبىھ؟
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئالما كومپيۇتېرى ئېلىش كىرەكمۇ windows كومپيۇتېرمۇ؟
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
- Windows11 نىڭ قوزغالغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان پروگراممىلىرىنى تاقاش
- ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
- خىيال 2.0 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ
- ئىزدەش ماتۇرىEverything 1.4.1.1032 نەشىرى ئېلان قىلىندى
- win11 دە بەزى پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش
- Win11 نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىنمۇ قالايمىقان
- beyond compare سېلىشتۇرما يۇمشاق دېتالى
- دۆلەت ئىچىدىكى 5 چوڭ ئاساسى ئىقىم مەشغۇلات سىستېمىسى
