MySQL نى قاچىلاش ۋە قۇرۇش( 9.6 نى قاچىلاش)
پىروگرامما يازغاندا ، سانلىق مەلۇماتلارنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ ، بۈگۈن بىز MySQL سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇش ۋە قاچىلاش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز . ئىلگىرى بىر ئۈندىدار سالونىدا 8.0 نۇسخىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرگەن ئىدىم بۈگۈن 9.6 نەشىرىنى قانداق قاچىلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز .

1 . MySQL سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى چۈشۈرۈش
ئورگان تەرەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى تۆۋەندىكىچە :
https://dev.mysql.com/downloads/mysql/
يۇقارقى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ. كۆرسىتىلگەن ئۇلانمىنى چىكىپ چۈشۈرىمىز

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن msi ھۆججىتىگە ئېرىشىمىز، شۇنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.

2- قاچىلاش باسقۇچى
قاچىلاش پروگراممىسىنى قوش چىكىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

I accept the terms in the license Agreement. نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇپ next نى چىكىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
كېيىنكى كۆرۈنمە يۈزگە كىرىپ ، ئىختىيارى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاللىساق ، قاچىلاشنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ

قاچىلاش مۇندەرىجىسىنى ئۆزگەرتىمىز ، ئەگەر سىز C دېسكىدا يىتەرلىك بوشلۇقىڭىز بولسا ، بۇ قىسىمنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئەگەر C دېسكا بوشلۇقى سەل كىچىك بولسا، باشقا دېسكىغا ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك .


باشقا مەسىلە بولمىسا ok كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرمىز.

يۇقارقى كۆزنەكتىن install كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قاچىلاشنى باشلىساق بولىدۇ.


يۇقارقى كۆزنەكتىن Finish نى بېسىپ، لاھىيىلەش باسقۇچىغا كىرسەك بولىدۇ.

3-MySql نى لاھىيىلەش باسقۇچى









execute نى چەككەندە خاتالىق يۈز بىرىشى مۇمكىن

بۇ يەردە log ھۆججىتىنى كۈرۈپ باقساق بولىدۇ.

يۇقارقى خاتالىق ئىچىدە خەنزۇچە ھەرپ- بەلگە ئۆز ئىچىگە ئالغان خاتالىق كېلىپ چىقتى، بۇنى كومپيۇتېر نامىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

ئەمدى ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز

4-قاچىلاشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش

سول تەرەپ ئاستىدىكى سىناش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ باقىمىز.

شۇنىڭ بىلەن mysql نى قاچىلاش ۋە سەپلەش ئاخىرلاشتى ، بىز python ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى زىيارەت قىلالايمىز .
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- macOS 27 نىڭ 3-ئاشكارا سىناق نۇسخىسى ئاچقۇچىلاردىن باشقىلارمۇ يېڭىلىقنى سىناپ باقسا بولىدۇ
- شياۋمى 18 Pro تۇنجى قېتىم لېيكا قوش 200 مىليون پېكسىلنى قوللايدىغان قىلىپ بازارغا سالىدۇ
- Adobe firefly نى ئېلان قىلدى. AI ئارقىلىق مۇزىكا ھاسىل قىلالايدۇ
- توخۇ قوردىقى ماركا لاھىيىسى
- Windhawkنىڭ 750 مىڭ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرما دېتال! زادى قانچىلىك قەبىھ؟
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدا ئېلان قىلىنغان ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى نامىدىكى 95 يۈرۈش خەت نۇسخىسى
- ئالما كومپيۇتېرى ئېلىش كىرەكمۇ windows كومپيۇتېرمۇ؟
- خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۈلەكلىرى
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
