Windows11 نىڭ قوزغالغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان پروگراممىلىرىنى تاقاش
ئادەتتە windows11 قوزغالسا بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللار ئاپتۇماتىك قوزغىلىۋېلىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. تۆۋەندە خىيال تورى سىزگە ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاپتۇماتىك قوزغىلىدىغان پروگراممىلىرىنى چەكلەش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
1-خىل ئۇسۇل:
باشلاش تىزىملىكىدىن بىكىتىش (设置) نى تاللاپ، ئىچىدىن قوللىنىشچان پروگراممىلار (应用) دېگەننى چىكىمىز، ئوڭ تەرەپتىن قوزغىتىش (启动) نى چېكىمىز:

تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن چەكلىمەكچى بولغان پروگراممىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئېچىش / تاقاش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىزار قىلغان پروگراممىلارنى تاقىۋەتسەك بولىدۇ.

2-خىل ئۇسۇل:
ئىكران يۈزىدە ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن ۋەزىپە باشقۇرغۇچ(任务管理器) نى تاللايمىز.

ۋەزىپە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىدىن قوزغىتىش (启动) ئىتكىتكىسىنى تاللايمىز.

قوزغىلىشنى چەكلىمەكچى بولغان پروگراممىنى چەكلەش ھالىتىنى ئېچىپ قويساق بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
- خىيال 2.0 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ
- توخۇ قوردىقى ماركا لاھىيىسى
- Windhawkنىڭ 750 مىڭ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرما دېتال! زادى قانچىلىك قەبىھ؟
- ئەلپىدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر نامىدا ئېلان قىلىنغان ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى
- ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى
- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى نامىدىكى 95 يۈرۈش خەت نۇسخىسى
- ئالما كومپيۇتېرى ئېلىش كىرەكمۇ windows كومپيۇتېرمۇ؟
- خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۈلەكلىرى
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
- Ubuntu17.04 نىڭ تەگلىك رەسىملىرى
