باش بەت > ماقالىلەر > پروگرامما تۈزۈش

تور بەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش تېخنىكىسى

پروگرامما تۈزۈشخىيال2026-03-05 16:38:14A+A-




بۇ JavaScript تا يېزىلغان ئۇيغۇرچە مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى بولۇپ، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان، مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەپەندى يازغان «يۇلغۇن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى» (bedit.js) ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن.


يېڭىلىقلار

  • ھەجىمى كىچىك. كىچىكلىتىلگەن ۋە gzip لانغان نۇسخىسىنىڭ ھەجىمى ئارانلا 2kB ئەتراپىدا!

  • سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىكى ئورۇنى (سۆز بېشى ياكى قىسمەن ئەھۋاللاردا سۆز ئارىسى) غا ئاساسەن، ئاپتوماتىك ھالدا «ئ» (ھەمزە) قوشۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار نۆۋەتتە پەقەت W3C ئۆلچەملىرىگە بويسۇنغان تور كۆرگۈچلەر، مەسىلەن، Mozilla Firefox, Google Chrome, Apple Safari, Microsoft Internet Explorer قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە نۇسخىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدىلا ئىشلەيدۇ؛

  • iOS ۋە Android دىكى تور كۆرگۈچلەردە، تېكست كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ ئىچىدە بىر بارمىقىڭىز بىلەن توغرىسىغا سىيپاش (horizontal swipe) ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختا ھالىتىنى ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۈستەل يۈزى تور كۆرگۈچلىرىدە بولسا، ئەسلىدىكى [Ctrl-K] كۇنۇپكا بىرىكمىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؛

  • [Ctrl-T] ياكى [Ctrl-Y] كۇنۇپكا بىرىكمىسى (Mac تە [Command-T] ياكى [Command-Y]) ئارقىلىق كىرگۈزۈش يۆنىلىشىنى ئوڭدىن-سولغا ياكى سولدىن-ئوڭغا قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ؛

  • ھەرقايسى تېكست كىرگۈزۈش رامكىلىرىنىڭ كۇنۇپكا تاختا ھالىتى بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆزگىرىدىغان قىلىندى؛

  • مەزكۇر كۇنۇپكا تاختىسى ئالاقىدار ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئۆلچەملەشتۈرۈلدى؛

  • Internet Explorer 8 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىردىكى Internet Explorer لارغا قارىتا، توغرا ۋە ئىشەنچىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق، DOM تەييار بولغاندا پروگراممىنى يۈكلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛

  • UEY ۋە ULY ئارىسىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كودى چىقىرىۋېتىلدى؛

  • كونا «ئەلكاتىپ» كودىدىن Unicode غا ئالماشتۇرۇش كودى چىقىرىۋېتىلدى.

  • «ئ» (ھەمزە) كۇنۇپكىسى ([/]) نى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، بۇ سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ بېقىڭ: «ئۇيغۇر»، «ئائىلە»، «ئاتا-ئانا»، «نۇقتىئىينەزەر»، «1-ئىيۇن»؛

  • ئەگەر بۇ تور بەتنى iOS ياكى Android دىكى تور كۆرگۈچلەردە كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، ئۈستىدىكى تېكست كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ ئىچىدە بىر بارمىقىڭىز بىلەن (تەخمىنەن 50px ئارىلىقتا) توغرىسىغا سىيپاش ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختا ھالىتىنى ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە ئارىسىدا ئالماشتۇرۇپ، خەت كىرگۈزۈپ بېقىڭ (دىققەت، كۇنۇپكا تاختا ھالىتى ئالماشتۇرۇلغاندا ھازىرىچە ھېچقانداق ئەسكەرتمە ئۇچۇر چىقمايدۇ، سىيپاش ھەرىكىتىنى ئاخىرىلاشتۇرغاندىن كېيىن، خەت كىرگۈزۈش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۇنۇپكا تاختا ھالىتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ)؛ ئەگەر بۇ تور بەتنى ئۈستەل يۈزى تور كۆرگۈچلەردە كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز:

  • [Ctrl-K] ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختا ھالىتىنى ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە ئارىسىدا ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ؛

  • [Ctrl-Y] ئارقىلىق كىرگۈزۈش يۆنىلىشىنى ئوڭدىن-سولغا ياكى سولدىن-ئوڭغا ھالەتلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ؛

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بىرىنچى باسقۇچ

تور بېتىڭىزنىڭ HTML كودى ئىچىدىكى <head> بەلگىسىنىڭ ئىچىگە بىر دانە <script> بەلگىسى قويۇپ، مەزكۇر كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تەڭشەك ئۆزگەرگۈچلىرىگە ئېنىقلىما بېرىسىز، مەسىلەن:

<html><head>...    <script type="text/javascript">
        var UG_VK_OPTS = {
                all: true,
                blacklist: ['url', 'email']
            };
    </script>...</head><body>...</body></html>

ياكى

<html><head>...    <script type="text/javascript">
        var UG_VK_OPTS = {
                all: false,
                whitelist: ['name', 'comment', 'post'],
                smartHamza: false
            };
    </script>...</head><body>...</body></html>

يۇقىرىقى كوددىكى ھەر قايسى ئۆزگەرگۈچلەرنىڭ رولى:


  • all: قىممىتى true بولغاندا، نۆۋەتتىكى بەتتىكى بارلىق <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

  • whitelist: بۇ ئۆزگەرگۈچتە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلماقچى بولغان <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرى (مەسىلەن، مۇنبەرلەردىكى ئاختۇرۇش (ئىزدەش) رامكىلىرى، تېما ياكى ئىنكاس يېزىش رامكىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۇلارنىڭ name خاسلىقى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىسىز.

  • blacklist: بۇ ئۆزگەرگۈچتە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى چەكلەنمەكچى بولغان <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرى (مەسىلەن، مۇنبەرلەردىكى تور بېكەت ئادرېسى، ئېلخەت، ۋە ياكى ئەزا ھېسابات نومۇرى كىرگۈزۈش رامكىلىرى) نى ئۇلارنىڭ name خاسلىقى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىسىز.

  • smartHamza: قىممىتى true بولغاندا، ئاپتوماتىك ھالدا ھەمزە قوشۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوزغىتىلىدۇ؛ false بولغاندا، قوزغىتىلمايدۇ. سۈكۈتتىكى قىممىتى true.

ئىككىنچى باسقۇچ

يۇقىرىدىكى <script> بەلگىسىدىن كېيىن، يەنە بىر دانە <script> بەلگىسىنى يېزىش ئارقىلىق ug_vk.js ياكى ئۇنىڭ ھەجىمى كىچكرەك نۇسخىسى، ug_vk.min.js، نى قوشىسىز، مەسىلەن:

<html><head>...    <script type="text/javascript">
        var UG_VK_OPTS = {
                all: true,
                blacklist: ['url', 'email']
            };
    </script>
    <script src="https://www.hiyal.com/ug_vk.min.js" type="text/javascript" async></script>...</head><body>...</body></html>

ئىش تامام!


كونا ئۇسۇل (تەۋسىيە قىلىنمايدۇ)

بىرىنچى باسقۇچ

تور بېتىڭىزنىڭ HTML كودى ئىچىدىكى <head> بەلگىسىنىڭ ئىچىگە بىر دانە <script> بەلگىسى قويۇپ، مەزكۇر كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تەڭشەك ئۆزگەرگۈچلىرىگە ئېنىقلىما بېرىسىز، مەسىلەن:

<html><head>...    <script type="text/javascript">
        var attachAll = true;

        // name xasliq qimmetlirini qosh chekit (:) bilen ayring.
        var bedit_deny = 'url:email';

        // name xasliq qimmetlirini qosh chekit (:) bilen ayring.
        // var bedit_allow = 'name:comment:post'; 
    </script>...</head><body>...</body></html>

(نۆۋەتتە تور بېكىتىڭىزدە bedit.js نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تەڭشەپ قويغان ئۆزگەرگۈچلەرنى مۇشۇ <script> .بۆلىكىنىڭ ئىچىگە ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ قويسىڭىزمۇ نورمال ئىشلەۋېرىدۇ.)


يۇقىرىقى كوددىكى ھەر قايسى ئۆزگەرگۈچلەرنىڭ رولى:


  • attachAll: قىممىتى true بولغاندا، نۆۋەتتىكى بەتتىكى بارلىق <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

  • bedit_allow: بۇ ئۆزگەرگۈچتە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلماقچى بولغان <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرى (مەسىلەن، مۇنبەرلەردىكى ئاختۇرۇش (ئىزدەش) رامكىلىرى، تېما ياكى ئىنكاس يېزىش رامكىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۇلارنىڭ name خاسلىقى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىسىز.

  • bedit_deny: بۇ ئۆزگەرگۈچتە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى چەكلەنمەكچى بولغان <input> ۋە <textarea> ئېلېمېنتلىرى (مەسىلەن، مۇنبەرلەردىكى تور بېكەت ئادرېسى، ئېلخەت، ۋە ياكى ئەزا ھېسابات نومۇرى كىرگۈزۈش رامكىلىرى) نى ئۇلارنىڭ name خاسلىقى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىسىز.

ئىككىنچى باسقۇچ

يۇقىرىدىكى <script> بەلگىسىدىن كېيىن، يەنە بىر دانە <script> بەلگىسىنى يېزىش ئارقىلىق ug_vk.js ياكى ئۇنىڭ ھەجىمى كىچكرەك نۇسخىسى، ug_vk.min.js، نى قوشىسىز، مەسىلەن:

<html><head>...    <script type="text/javascript">
        var attachAll = true;
        var bedit_deny = 'url:email';
    </script>
    <script src="https://hiyal.com/ug_vk.min.js" type="text/javascript" async></script>...</head><body>...</body></html>

ئىش تامام!



بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتى梦想电脑学习园地نىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! يۇقارقى مەزمۇندا خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

加载中~

Copyright © 2006-2026 بارلىق ھوقۇق خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە مەنسۇپ
苏ICP备17005574号-1 苏公网安备32030502000265号
自定义栏目 | 自定义栏目 | 自定义栏目 | xml地图 | txt地图 | TAG集合

qrcode
مۇلازىمەتچى
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

010-88888888

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!