beyond compare سېلىشتۇرما يۇمشاق دېتالى
ھۆججەت سېلىشتۇرۇش قورالى تىلغا ئېلىنسا، چوقۇم beyond compare دىگەن ئىسىم بولىشى كېرەك. ئىقتىدارى مول بولغان تېكىست سېلىشتۇرۇش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مەخسۇس لاھىيەلەنگەن بولۇپ، بارلىق سىستېما ھۆججەتلىرى بىلەن ھۆججەت قىسقۇچلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنى باشقۇرالايدۇ. ھۆججەت قىسقۇچ، تېكىست، MP 3، سانلىق مەلۇمات، رەسىم ۋە تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، دىگەندىن قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بازاردىكى نۇرغۇن ئوخشاش تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يۇمشاق دېتال پەقەت ئاددى ھەم كۈچلۈك بولغان مەشغۇلات بۇيرۇقىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ.ئەلا سۈپەتلىك سېلىشتۇرۇش تەسىراتىنى ئېچىپ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ھۆججەتنى ماس قەدەمدە تاماملاپ دوكلات ھاسىل قىلالايسىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپ خىل سانلىق مەلۇمات تىپىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان سېلىشتۇرۇش تور كۆرگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېكىستتىن باشقا، جەدۋەل، رەسىم، ئىككىلىك ھۆججەت، تىزىملاش جەدۋىلىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەمدە ئابۇنىچىلارنىڭ Windows، Mac OSX ۋە Linux خىزمەت پونكىتىدىن FTP تور بېكىتى، تاراتقۇ ئۈسكۈنىسى، WebDAV بايلىقى، SVN ساقلاش ئامبىرى ۋە بۇلۇت ساقلىغۇچنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق.
beyond compare يېشىل يېشىش نۇسخىسى، بۇ نۇسخىسىنى ئورگان تەرەپ نۇسخىسى ئاساسىدا ياسىغان بولۇپ، شىفىرلىق ئاچقۇچ توپلانغان، قاچىلاپ قوزغىتىش ھاجەتسىز، ھۆججەتنى قوش چېكىپ قوزغاتسىلا بارلىق ئىقتىدارلارنى چەكسىز ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىز ئۈنۈملۈك، ئېھتىياجلىق ئابۇنىچىلار تېز كېلىپ چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىڭ.




beyond compare نى قانداق ئىشلىتىپ سېلىشتۇرىدۇ
ئىككى ھۆججەت خالتىدىكى مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، پەقەت ھۆججەتنىڭ ۋاقتىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە ھۆججەت خالتىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بىراق ھۆججەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاپتۇماتىك ئىككى ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئاستىدىكى ھۆججەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ھۆججەت قىسقۇچنى ئاچقاندا، ھۆججەت مەزمۇنىنى ئاپتۇماتىك سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئاستىدىكى ھۆججەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇش كېرەك، كۆك رامكىدىكى كۇنۇپكىنى يەنە بىر قېتىم بېسىش ھەمدە يەنە بىر ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ ئاندىن ھۆججەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.

يۇمشاق دېتالنى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى «ھۆججەت قىسقۇچ سېلىشتۇرۇش»نى تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى كۆرۈنمە يۈزدە «كۆڭۈلدىكى تەھرىرلەش»كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ھۆججەت قىسقۇچ سېلىشتۇرغاندىكى كۆڭۈلدىكى تەڭشەكنى ئۆزگەرتىڭ

ئېچىلغان ھۆججەت قىسقۇچنى سېلىشتۇرۇش سۆزلىشىش رامكىسىنى تەڭشەڭ، سېلىشتۇرۇش ئاستىدا «سېلىشتۇرۇش مەزمۇنى»نى تاللاڭ، بۇ مۇندەرىجىدىن «ئىككىلىك سىستېما سېلىشتۇرۇش»نى تاللاڭ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك

تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن «ساقلاش»كونۇپكىسىنى بېسىپ، ھۆججەت قىسقۇچنى كۆڭۈلدىكى ھالەتكە تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ھۆججەت قىسقۇچ سېلىشتۇرۇش سۆزلىشىش ئورنىدىن سېلىشتۇرۇشقا تېگىشلىك ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ، سېلىشتۇرۇشقا تېگىشلىك ھۆججەت مەزمۇنىنى ئاپتۇماتىك سېلىشتۇرىمىز، تۆۋەندىكىسى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئوتتۇرىدا ھۆججەت پەرقى كۆرۈنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
- Windows11 نىڭ قوزغالغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان پروگراممىلىرىنى تاقاش
- ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
- خىيال 2.0 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ
- ئىزدەش ماتۇرىEverything 1.4.1.1032 نەشىرى ئېلان قىلىندى
- win11 دە بەزى پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش
- Win11 نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىنمۇ قالايمىقان
- تېكىست سېلىشتۇرۇش قۇرالى beyondcompare
- دۆلەت ئىچىدىكى 5 چوڭ ئاساسى ئىقىم مەشغۇلات سىستېمىسى
- Linux نىڭ بازار ئۈلۈشى ئىزچىل ئاشماقتا
- ياپونىيەدىن كەلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇمشاق دېتال
- windows تىكى ئەڭ ياخشى قويغۇچ---PotPlayer
