Linux نىڭ بازار ئۈلۈشى ئىزچىل ئاشماقتا
كۆپىنچە دوستلارنىڭ خەۋرىدە بولىشى مۇمكىن، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندا ئېراق ئارمىيىسى ئىزچىل ھالدا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن يەكمۇ-يەك ئۇرشىمىز دەپ داۋراڭ سالغان. بۇ چاغدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىشنى قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ئىراق ئارمىيىسىنىڭ بارلىق كومپيۇتېرلىرى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ چاغدا ئىراق ئارمىيىسى دەل windows سىستېمىسىنى كەڭ كۈلەمدە ئىشلەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئەسلا بايقىيالمىغان. يەنە قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇلتۇر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى لىۋانغا ئىچكىرلەپ ئەسكەر كىرگۈزمەي تۇرۇپ، يانفۇننى يىراقتىن كونترول قىلىپ پارتىلىتىش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، بىرمۇنچە ئادەمنى جېنىدىن ئايرىغان. ئىسرائىلىيە زۇڭلىيىسى نىتانىياخۇ (جاللات) بۇ ئىشتىن پەخىرلىنىپ «پۈتۈن دۇنيادىكى يانفۇنلار يەھۇدىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا» دەپ سۆز قىلغان. شۇ سەۋەبتىن چەتئەللىك نۇرغۇن يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەر دۆلىتىمىزنىڭ خۇڭمېڭ يانفۇن سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن خۇاۋېي يانفۇنلىرىغا ئالماشتۇرغان. (خەلقئارالىق غەيۋەتلەرنى ئاز قىلىپ نەق گەپ كەلسەك)
ھازىر دۆلەت ئىچىدە «دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش» تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، بۇمۇ دەل ئۇچۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ قوللانغان ئاقىلانە تاللىشى.
Linux ئېكران يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى% 4 تىن ئاشىدۇ
ئېقىم مىقدارى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاپپاراتى StatCunter نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 2-ئايغىچە، Linux نىڭ پۈتۈن يەر شارى ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى% 4 تىن ئاشقان.

Windows:72.13%
OS X:15.46%
Unknown:6.11%
Linux:4.03%
Chrome OS:2.26%
FreeBSD:0.01%
StatCunter نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىدىن بۇيان Linux نىڭ بازار ئۈلۈشى ئىزچىل مۇقىم ئېشىپ، ھازىر % 4.03 كە يەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا Linux
پەقەت ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى بازار ئۈلۈشىنىڭ % 1.53 ىنى ئىگىلىگەن.
Statcunter Linux ئېكران يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىدىكى ئۈلۈشنىڭ ئېشىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىدى، بەزىلەر ئۇنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى
Windows 11 نىڭ قاتتىق دېتالغا قويغان قاتتىق تەلىپى بولۇپ، نۇرغۇن ئابۇنىچىلارنىڭ Linux نى ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغان، دەپ قارىدى.
Windows 11 كومپيۇتېردىن TPM 2.0 نى قوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن كومپيۇتېرلار قوللىمايدۇ؛ بۇ خىل قاتتىق دېتال بولمىغان ئابۇنىچىلار پەقەت 2015-يىلى
ئېلان قىلىنغان Windows 10 نى داۋاملىق ئىشلىتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان WindowS 11 24 H 2 نىڭ يېڭىلىنىشى قاتتىق دېتال تەلىپىنى يەنىمۇ
ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېرلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
Windows 11 بىلەن ئوخشىمايدىغىنى Linux نىڭ تارقىتىش نۇسخىسىدا قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىگە بۇنداق قاتتىق چەكلىمە قويۇلمايدۇ. گەرچە كۆپ ساندىكى ئاساسلىق
Linux تارقىتىش نۇسخىسى 32 بىتلىق قۇرۇلمىنى قوللاشنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا 32 بىتلىق تارقىتىش نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ تارقىتىش نۇسخىلىرىدا TPM 2.0
ياكى بىخەتەر قوزغىتىش تەلىپى يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، Linux نى قاچىلاش ئاڭلىماققا بەك ئاۋارىچىلىقتەك ئاڭلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، قاچىلاش تەرتىپىدە زور ئۆزگىرىش
بولغاچقا، ھازىر Linux ئېكران يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش نىسبەتەن ئاددىي بولۇپ، Linux غا كىرىش بوسۇغىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
- Ubuntu تەمىنلىگەن تەگلىك رەسىملىرى
- Windows11 نىڭ قوزغالغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان پروگراممىلىرىنى تاقاش
- ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
- خىيال 2.0 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ
- ئىزدەش ماتۇرىEverything 1.4.1.1032 نەشىرى ئېلان قىلىندى
- win11 دە بەزى پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش
- Win11 نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىنمۇ قالايمىقان
- beyond compare سېلىشتۇرما يۇمشاق دېتالى
- دۆلەت ئىچىدىكى 5 چوڭ ئاساسى ئىقىم مەشغۇلات سىستېمىسى
- ياپونىيەدىن كەلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇمشاق دېتال
- windows تىكى ئەڭ ياخشى قويغۇچ---PotPlayer
