Linux نىڭ Zorin OS نۇسخىسى ھەپتىلىك چۈشۈرۈلۈش3 مىليوندىن ئاشتى
Linux نىڭ Zorin OS نۇسخىسىنى تارقاتقان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە :ئەڭ يېڭى Zorin OS 18 نۇسخىسىنىڭ بىر ھەپتىدىكى چۈشۈرۈلۈش مىقدارى 3 مىليون قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ% 75 ى Windows سىستېمىسىدىن كەلگەن، ئەمما كۆپ قىسمىنىڭ Windows 10 دىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن، Windows10 بۇ يىل قوللاشنى توختاتقان.

Zorin OS نىڭ قارشى ئېلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ Windows قا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، Windows ئابۇنىچىلىرىنىڭ يۆتكىلىش تەننەرخىنى ئازايتقان. سىستېما جەھەتتە Ubuntu تارقىتىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن، GNOME غا قارىتا چوڭقۇر لايىھە تۈزۈلگەن.
Zorin OS 18 نۇسخىسىدا، ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆرۈش سېزىمى قايتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى Windows قا، كۆرۈش سېزىمى MacOS قا ئوخشايدۇ.يىغىپ توپلىغۇچى، كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

ۋەزىپە تاختىسىغا كۆڭۈلدىكى لەيلىمە ياي بۇلۇڭلۇق لايىھە قوللىنىلغان، ھەقىقەتەن چىرايلىق، جانسىز ئەمەس:

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆزنەكنى ئېكرانغا بۆلۈشنى قوللايدۇ، باشقا Linux تارقاتقان نۇسخىسىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدۇ، ھەقىقەتەن قالتىسكەن، ئۈنۈمىگە قاراپ بېقىڭ:

ناھايىتى ياخشى بىر توپلاش ئىقتىدارى بار، ھەر قانداق تور بەتنى (مەسىلەن Gogle Docs، Ofice) ئېكران يۈزى ئەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن تىزىملىكنى باشلاش ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدۇ، خۇددى ئەسلىي ئەپلەرنى مەشغۇلات قىلغانغا ئوخشاش.
Windows ئابۇنىچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،Zorin OS دا 170 دانە مودا بولۇۋاتقان Windows ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان ئەپ بار، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا Zorin OS نىڭمۇ Pro نۇسخىسى بار، تاۋارلاشتۇرۇشىمۇ ياخشى ئىكەن. Zorin OS نىڭ ئۈچ يېڭى ئېكران يۈزى بار، كۆپچىلىك ھېس قىلىپ بېقىڭلار.
1:ئىخچام ئېكران يۈزى.

2:تۈرلۈك Mint ئېكران يۈزى.

3:تۈرلۈك elementary OS كۆرۈنمە يۈزى.

قارىغاندا پېشقەدەملەردەك قىلىدۇ.
مېنىڭچە Linux ئېكران يۈزىگە كىرىشتىكى تۇنجى قەدەمدە بىر پۇرسەت بار، ئىشلىتىپ باقساقلا پىششىق بولۇپ كېتىمىز. لېكىن بۇنچە كۆپ Linux ئېكران يۈزى ئالدىدا، تاللاش بىر تەرەپتىن تېخىمۇ قىيىن.يەنە بىر تەرەپتىن، ئورتاق ئىشلەتكىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلامدۇق؟ بۇنىڭدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئويىغا قاراش كېرەك، مەسىلەن، مەن يېڭىلىقنى سىناپ باقىدىغان ئادەم ئەمەس، ئۆزۈمنى قىيناشنى ئانچە خالىمايمەن.
ئاخىرىدا، يۇمشاق دېتالنىڭ ئورنىنى ئېلىشچانلىقى، نۆۋەتتە Windows نىڭ يەنىلا ئەۋزەللىكى بار، شۇڭا Linux نىڭ نەشىر قىلىنىشىغا يەنە ۋاقىت كېتىدۇ. بىراق ماڭا نىسبەتەن VSCode، Docker Desktop، Conda بولسىلا بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن Zorin OS ھەر جەھەتتىن ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاشقان، مەسىلەن، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن Windows سەپلىمە ئەپلىرى، Windows ئابونتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلاشقان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
- بىر كومپيۇتېرغا win10 ۋە win11 قوش سىستېما قاچىلاش
- Ubuntu تەمىنلىگەن تەگلىك رەسىملىرى
- Windows11 نىڭ قوزغالغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان پروگراممىلىرىنى تاقاش
- ئىككى كومپيۇتېر ئارىسىدا ھۆججەت يوللاشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
- خىيال 2.0 ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ
- ئىزدەش ماتۇرىEverything 1.4.1.1032 نەشىرى ئېلان قىلىندى
- win11 دە بەزى پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى چەكلەشنى بىكار قىلىش
- Win11 نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىنمۇ قالايمىقان
- beyond compare سېلىشتۇرما يۇمشاق دېتالى
- دۆلەت ئىچىدىكى 5 چوڭ ئاساسى ئىقىم مەشغۇلات سىستېمىسى
- Linux نىڭ بازار ئۈلۈشى ئىزچىل ئاشماقتا
- ياپونىيەدىن كەلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇمشاق دېتال
