باش بەت > خەۋەرلەر > كومپيۇتېر خەۋەرلىرى

ئالما Mac كومپيۇتېرى 40 يىل:ئۈچ قېتىملىق زور ئۆزگىرىش

كومپيۇتېر خەۋەرلىرىخىيال2026-02-16 14:10:45A+A-

1984-يىلى دۇنياغا كەلگەن Macintosh ئالما شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى كومپيۇتېر ئەمەس ئىدى، لېكىن ئالمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، «Mac بولمىسا، ھازىرقى ئالما شىركىتى بولمايتتى»دېگەن يەكۈنگە كەلگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئالما شىركىتى كومپيۇتېر بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە Mac ئالما شىركىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەھسۇلات ئىدى.

40 يىلدا، Mac جەمئىي تۆت خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سۇپىسىنى ئىشلىتىپ، ئۈچ قېتىم غايەت زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە Mac كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئومۇمىي ئۈلۈشىنىڭ% 18 كە يېقىنىنى ئىگىلەپ، 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.

1984-يىلى Macintosh دۇنياغا كەلگەن

ئالما شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر تەتقىق قىلىپ ياساش تارىخىنى 1975-يىلىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، Apple I نىڭ تۇنجى ئەسلى تىپىنى ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتىۋ ۋوزنىياك پۈتۈنلەي قولدا ياسىغان بولۇپ، ئاساسىي تاختىسى سىرتقا ئوچۇق ئىدى، تېلېۋىزورغا ئۇلاپ ئېكران قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتى يەنە ئارقا-ئارقىدىن رەڭلىك شەكىللەرنى كۆرسىتەلەيدىغان Apple Ⅱ، قىممەت باھالىق Apple Ⅲ ۋە Apple Ⅲ Plus، دۇنيا بويىچە تۇنجى شەكىل كۆرۈنمە يۈز كومپيۇتېرى (GUI) Apple Lisa نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

1984-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، سىتىۋ جوبىس كۇبىتىنود ئانسا شۆيۈەنىنىڭ فلىنت مەركىزىدە Macintosh نى رەسمىي ئېلان قىلغان، بۇ مەركەز كېيىن ئالمىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا ئايلانغان، مەسىلەن بىرىنچى ئەۋلاد iMac ۋە Apple Watch تاكى 2019-يىلى تاقالغانغا قەدەر.

Macintosh ئەمەلىيەتتە ئالما Lisa بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قوزغىتىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى رىقابەتچىسى ئاساسلىقى مىكروسوفت DOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ئىنتىل 8088 بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ IBM PC ۋە ئۇنىڭ سىغدۇرۇشچان ماشىنىسىنى ئىشلىتەتتى.

بىر گەۋدىلەشكەن گەۋدە ئىشلىتىلگەن Macintosh قا 9 دىيۇملۇق رەڭسىز CRT ئېكران سەپلەنگەن، ئېنىقلىق دەرىجىسى 342 × 512 پىكسېل، موتورولا 68 مىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ، چاستوتىسى 8 MHz، يەنە 128 KB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 3.5 دىيۇملۇق يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ سەپلەنگەن. System 1 سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، يەنى كېيىنكى Mac OS.System 1 كۆپ جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان، مەسىلەن، Finder ۋە تىزىملىك ئىستونىنىڭ پەيدا بولۇشى، مائۇس ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش، سىنبەلگە ئارقىلىق ئەمەلىي پىروگراممىلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار.

كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئالما شىركىتى يەنە ئىچكى ساقلىغۇچىسى تېخىمۇ چوڭ بولغان Macintosh يۈرۈشلۈك ئۈستەل كومپيۇتېرى، PowerBook يۈرۈشلۈك خاتىرە كومپيۇتېرى ۋە باسما قاتارلىق كەسىپلەر ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئۈستەل كومپيۇتېرىنى بازارغا سالدى.

1994-يىلى PowerPC بىلەن Wintel قارشىلىشىشقا ئۆزگەرتىلگەن

گەرچە Macintosh بارغانسېرى ئىشلىتىشچان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەمدە ئىزچىل موتورولا ئېلان قىلغان ھەر بىر يېڭى CPU نى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بازاردا مىكروسوفت بىلەن ئىنتىل شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن Wintel ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ زاۋۇتلار ئەرزان باھالىق IBM PC قوشۇمچە سىغىمچان ماشىنىسىنى بازارغا سالدى، MacintosH نىڭ رىقابەت بېسىمى بارغانسېرى زورايدى. ئالما شىركىتى مۇدىرىيەت بىر مۇھىم

 قارار چىقىرىپ، مۇرەككەپ بۇيرۇق توپلىمى قۇرۇلمىسى (CISC) قوللىنىلغان موتورولا CPU دىن ۋاز كېچىپ، Macintos نى ئىخچام بۇيرۇق توپلىمى قۇرۇلمىسى (RISC) دىكى PowerPC CPU غا ئۆزگەرتتى.

بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، CISC غا سېلىشتۇرغاندا، RISC بۇيرۇق سىستېمىسى تېخىمۇ ئىخچام، بۇيرۇقنىڭ ئۆزى بىرقەدەر قىسقا، ئىگىلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچ بىرقەدەر كىچىك، بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن، قۇۋۋەت سەرپىياتىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن بولغان. ئەينى چاغدا بارغانسېرى كۆپ يۇمشاق دېتاللار RISC بۇيرۇق سىستېمىسىنى قوللىنىشقا باشلاپ، RISC نى قوللىنىشتا تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان. PowerPC ئۆزىكىنى IBM بىلەن موتورولا (ھازىر فېيسكال) بىرلىكتە ئاچقان.

1994-يىلى ئالما شىركىتى تۇنجى ئەۋلاد Power Macintosh كومپيۇتېرىنى بازارغا سالغان، ئەمما ئاساسىي تاختا قاتارلىق قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللار Power PC CPU غا قارىتا ئەڭ ياخشى لايىھە چىقىرالمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى ئەۋلاد Power MaCintosh كومپيۇتېرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن. 1995-يىلى ئىككىنچى ئەۋلاد Power Masintosh مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان، ئالما شىركىتى ئاخىرى قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسىدا Power PC CpU غا قارىتا قايتا لايىھە ئېلىپ بارغان، ئالما يۇمشاق دېتالىمۇ كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئارقا-ئارقىدىن Power PC نۇسخىسىنى چىقارغان، ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.

1997-يىلى بازارغا سېلىنغان PowerPC G 3 يۈرۈشلۈكى جوبىسنىڭ ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى Macintosh كومپيۇتېرى بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى بۇرۇنقى MacintosH قا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان، «تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ».شۇنىڭدىن كېيىن PowerPC يۈرۈشلۈك ئۆزەك ئىشلىتىلگەن Macintush كومپيۇتېرىدىن يەنە PowerPC G 4، Power MacG 4 Cube، PowerPC G 5 قاتارلىقلار بار.

2005-يىلى يېڭەلمىسىڭىزلا قوشۇلۇپ كىتىسىز

جوبىس ئالمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يېتەكچىلىك قىلىپ بازارغا سالغان iPhone ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئەندىزىسىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەرتتى، لېكىن كومپيۇتېر بازىرىدا Wintel PC نىڭ بازار ئۈلۈشى جەھەتتە Mac يەنىلا ئانچە ياخشى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Power PC ئۆزەكنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، ئالمىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىدار ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمايدۇ. يېڭەلمىگەندىكىن قوشۇلۇڭلار، ئالما شىركىتى 2005 ـ يىلى ئىنتىل بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، Mac ئىككىنچى قېتىم بىر تەرەپ قىلغۇچ سۇپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى Power PC ئۆزەكلىك Power Mac G 5 مەھسۇلاتى 2005-يىلى 10-ئايدا بازارغا سېلىنىپ، 2006-يىلى 8-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى. ئىسمېنىغا چىققىنى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى جوبىس Macworld 2006 يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئىنتىل كۇرۈي بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن MacBook Pro خاتىرە كومپيۇتېرى ۋە iMac بىر گەۋدىلەشكەن ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىدى.

يەر شارىدىكى Wintel ئېكولوگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن، ئالما شىركىتى ھەتتا ئوخشاش مەزگىلدىكى Mac OS تا Boot Camp ئىقتىدارىنى قوشۇپ، ئابۇنىچىلارنى Mac كومپيۇتېرغا مىكروسوفتنىڭ Windows سىستېمىسىنى قاچىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەر خىل ئۈچىنچى تەرەپ Windows يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئالما شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن ئەينى چاغدىكى يەر شارى بويىچە ئەڭ نېپىز خاتىرە كومپيۇتېر MacBook Air نى بازارغا سالدى، ئەخلەت ساندۇقى دەپ ئاتالغان 2014-يىللىق Mac Pro قاتارلىق بازاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، MacBook Pro، Mac mini قاتارلىق مەھسۇلات لىنىيەلىرىمۇ تەرتىپ بويىچە يېڭىلاندى. 2020-يىلىغىچە ئالما شىركىتى ئىنتېل شىركىتى بىلەن ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى.

2020-يىلى قانىتى قاتتىقلاشتى، پەقەت ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزەكلا ئىشلىتىلدى

ئەمەلىيەتتە، ئالما شىركىتى 2008-يىلىلا 150 خىزمەتچىسى بار يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەت PASemi نى سېتىۋالغان، كېيىن بىر غايەت زور ئۆزەك لايىھەلەش كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرغان. 2010-يىلى 1-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان A 4 ئۆزەكلىك بىر تەرەپ قىلغۇچى بىرىنچى ئەۋلاد iPad بىلەن بىللە رەسمىي كۆرگەزمە قىلىنغان. بىر يىلدىن كېيىن A 5 بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن iPad 2 دۇنياغا كەلگەن، A 5 ARM Cortex-A 9 ئاممىۋى نۇسخىسى قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا لايىھەلەنگەن قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىدى. 12 يىللىق جۇغلانمىدىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزەك لايىھەلەش كوللېكتىپىنىڭ قانىتى قاتتىقلىشىپ، ئىنتېل بىلەن ئادا-جۇدا بولىدىغان چاغمۇ يېتىپ كەلگەن.

2020-يىلى 6-ئايدىكى WWDC دا، ئالما شىركىتى ئىنتېل بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، Mac كومپيۇتېر 3-قېتىملىق غايەت زور ئۆزگىرىشنى باشلىغان.

ئالما كومپيۇتېرى ئىنتېل ئۆزىكىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزەككە ئۆزگەردى، بۇ، ئالدى بىلەن تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېكولوگىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇردى. iPhone بىلەن iPad كۆپ يىل ARM قۇرۇلمىسىدىكى CPU نى ئىشلەتكەن بولۇپ، MAC كومپيۇتېرىنى ARM قۇرۇلمىسىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئالما ئېكولوگىيەسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا ئىلگىرى سۈرۈش

قا بولىدۇ.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئالما شىركىتى يېڭى نۇسخىدىكى MacBook Pro نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا ئالما شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى كومپيۇتېر ئۆزىكى M 1 سەپلەنگەن، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭى نۇسخىدىكى MacBoOk Air ۋە Mac mini غىمۇ M 1 ئىشلىتىلدى. 2021-يىلى 10-ئايدا، ئالما شىركىتى M 1 نىڭ ئىلغار نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان M 1 Pro ۋە M 1 Max نى ئېلان قىلدى، كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، M 1 Ultra، M 2، M 2 Max، M 3، M 3 Pro ۋە M 3 Max ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى.بۇ ئۆزەكلەرنىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى، قۇۋۋەت سەرپىياتىنى كونترول قىلىش ۋە گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ (GPU) ھېسابلاش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى Mac مەھسۇلاتلىرى Wintel كومپيۇتېرى ئالدىدا شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

ئەگەر Mac كومپيۇتېرىنىڭ بۇ 40 يىللىق تەرەققىياتى بولمىغان بولسا، Wintel كومپيۇتېرى تېخىمۇ چوڭ بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن بولاتتى. رىقابەت كەمچىل بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى مىكروسوفت بىلەن ئىنتىلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدۇر، بۇ ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس.

ئەڭ چىرايلىق Mac ماشىنا تىپى

iMac G3

iMac G 3 بولسا ئالما شىركىتى 1998-يىلى ئېلان قىلغان بىر گەۋدىلەشكەن شەخسىي كومپيۇتېر، ئېكران ۋە كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسى بىر مۇستەقىل قاپ ئىچىدە بولۇپ، ئۇ ئالما شىركىتىدىكى تۇنجى رەڭلىك سىرتقى كۆرۈنۈش ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېر. ئەڭ دەسلەپتە ئېلان قىلىنغىنى كۆزگە چېلىقىدىغان «Bondi blue»، كېيىن يەنە بىر قاتار رەڭگى ئوچۇق، يېرىم سۈزۈك سۇلياۋ قاپلارنى ئېلان قىلغان، iMac G 3 غا بىر رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس سەپلەنگەن.


iMac G4

iMac G 4 2002-يىلى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئېكران ۋە ئاساسىي تاختا، CPU قاتارلىق دېتاللار ئورنىتىلغان يېرىم شارسىمان جىسىم بىر تال مېتال ئوققا ئۇلانغان، ئۈستەل چىرىغىغا ئوخشاش يۆنىلىشنى تەڭشىيەلەيدۇ، شۇڭا قىزىقچىلىق قىلىپ «iLamp»دەپ ئاتالغان.

ئالما Mac كومپيۇتېرى 40 يىل:ئۈچ قېتىملىق زور ئۆزگىرىش (图1)

MacBook Air 2008

بىرىنچى ئەۋلاد MacBook Air 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يىنىك نىپىز، ئەڭ نىپىز يېرى پەقەت 0.4 سانتىمېتىر، ئەڭ قېلىن يىرىمۇ پەقەت 1.9 سانتىمېتىر. ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرە كومپىيۇتېرغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يىنىك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى پۈتۈنلەي WiFi ئىشلىتىدىغان Mac كومپيۇتېرى بولۇپ، مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي ئاليۇمىندىن ياسالغان قاپ ئىشلىتىلگەن، ئارسېنىسىز ئەينەكلىك سىمابسىز ئېكران ئىشلىتىلگەن.


بۇ يەرنى بېسىپ تىما ئادرىسىنى كۆچۈرۈڭ يۇقارقىلار بولسا خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتى梦想电脑学习园地نىڭ تەييارلىغان ماتېرىياللىرى، باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! يۇقارقى مەزمۇندا خاتالىق بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. رەھمەت!

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

加载中~

Copyright © 2006-2026 بارلىق ھوقۇق خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە مەنسۇپ
苏ICP备17005574号-1 苏公网安备32030502000265号
自定义栏目 | 自定义栏目 | 自定义栏目 | xml地图 | txt地图 | TAG集合

qrcode
مۇلازىمەتچى
تېلېفۇنىمىز

مۇلازىمەت تېلېفۇنى

010-88888888

ئۇندىدار
我的网站名称
ئۈستىگە قايتىش
X我的网站名称

截屏,微信识别二维码

微信号:86805363

(点击微信号复制,添加好友)

  打开微信

微信号已复制,请打开微信添加咨询详情!