خىيال تور بېكىتى> خەۋەرلەر> باشقىلار> كۈرۈشماقالە
خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 3.0 گە لاھىيە قۇبۇل قىلىنىدۇ
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2021-يىل12-ئاينىڭ12-كۈنى

خىيال ئۇنۋېرسال تور بېكىتى 2006-يىلى خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 1.0 نۇسخىسىنى، 2007-يىلى 1.5 نۇسخىسىنى، 2008-يىلى 2.0 نۇسخىسىنى ياساپ تارقاتقان ئىدۇق. نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىنىش سەۋەبىدىن شۇنداقلا،  Windows Vista  ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ 2.0 نۇسخىسى نورمال ئىشلىمىدى ياكى قىسمەن بىنۇرماللىق كۆرۈلدى. تور بېكىتىمىز ھازىر 3.0 نۇسخىسىنى ياساپ تارقىتىش پىلانىنى تۈزدۇق. كۆپنىڭ كۈچى كۆل بولار دېگەندەك، بۇرۇنقى نۇسخىسىدىكى نورمالسىزلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاش، خەت ئامبىرىنى قايتا تەھرىرلەش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىملا توغرىلاش، كۈرۈنمە يۈزىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭ لاھىيىلىگۈچىلەردىن مەزكۇر كىرگۈزگۈچكە كۆزنەك لاھىيەسى ۋە سىنبەلگە لاھىيەسى بىلەن تەمىنلىشىنى شۇنداقلا بۇ لاھىيىلەر تاللانسا مەزكۇر كىرگۈزگۈچنى سىناپ ئىشلىتىشكە قاتنىشىش، ئالدىن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيمىز.

hiyal.jpg

يۇقارقى رەسىم بولسا پايدىلىنىشتا ئىشلىتىدىغان سىنبەلگە رەسىمى.


تەلەپ:

1- ھۆججەت فورماتى چوقۇم PSD فورماتى بولىشى، ھەرقايسى رەسىم قەۋەتلىرى بىرلەشتۈرۋىتىلمىگەن ئەسلى ھۆججەت بولىشى كېرەك.

2- لاھىيە تەمىنلىگەندە يۇقارقى بەلگىنى قوشۇپ لاھىيىلەش كېرەك.

3- لاھىيە تاللانسا پروگرامما ئىچىدە ياردەم ھۆججىتىگە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى قوشۇپ قويۇش ياكى قوشماسلىق توغرىسىدىكى پىكىرنى ئەسكەرتىش كېرەك.

4- لاھىيە چوقۇم باشقىلار ئىشلىتىپ باقمىغان، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا لاھىيىلىنىشى كېرەك. 

5-لاھىيە مەخپىيەتلىكى ساقلىنىشى، بىزگە تەمىنلەپ بولغاندىن كېيىن ناۋادا تاللانسا يەنە باشقىلارغا تەمىنلىمەسلىكى ياكى باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

لاھىيە يوللاش ئۇسۇلى:

ئې-خەت ئادرىسىمىز: abdugeni@163.com

QQ نومۇرىمىز: 86805363

پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }