
ئۈندىدارنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى باشقا ئۈسكۈنىگە يۆتكەش ياكى كومپىيۇتېرغا زاپاسلاش ئىقتىدارىلا بار ئەمما ئۈندىدارنىڭ ئۆزىگە زاپاسلاپ ساقلاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر مۇھىم سۆزلىشىش خاتىرىسىنى قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ساقلىۋىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىيتىشىچە ئۈندىدار سانلىق مەلۇماتىنىڭ يانفوندا ئىگەللىگەن بوشلۇقى 50GB دىن ئېشىپ كەتكەن، سەللا ئىھتىياتسىزلىق كۆرۈلسە بۇ 50GB ھۆججەت يۇيۇلۇپ كېيىن تولۇق ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ تېڭشۈن شىركىتى ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھەقلىق ئىقتىدار چىقىرىشنى پىلانلىغان.
جۇڭگو گېزىتىنىڭ بۈگۈن چۈشتىكى خەۋىرىدە ئىيتىلىشىچە، تېڭشۈن شىركىتى ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسىنى بۇلۇتتا ساقلاش ھەقلىق مۇلازىمىتى چىقىرىشنى پىلانلىغان، بۇ ئارقىلىق سۆزلىشىش خاتىرىسىنى بۇلۇت بوشلۇقىدا زاپاس ساقلىغىلى ھەم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇلازىمەتتە يىل بويىچە ھەق ئېلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشى مۇمكىن بولۇپ، ئالما يانفون ئابونتلىرى ھەر يىلى 180 يۈەن ئەتراپىدا، ئاندرويد يانفون ئابونتلىرى ھەر يىلى 130 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تۆلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق بۇ مۇلازىمەت تەمىنلىگەن كونكرېت ساقلاش سىغىمى قانچىلىك ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئاشكارىلىنىشىچە ئۈندىدار بۇلۇت ساقلاش ھەقلىق مۇلازىمىتى نۆۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى قوزغىتىش باسقۇچىدا بولۇپ، كونكرېت تەپسىلاتى تېخى بېكىتىلمىگەن، ھەم تېڭشۈنمۇ بۇ توغۇرلۇق ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلاش ئىقتىدارى شىياۋمى بۇلۇت دېسكىسىغا قوشۇلغان، ئۈندىدارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟ ئەگەر ئۈندىدارغا بۇ خىل ئىقتىدار ھەقلىق قوشۇلسا قانچىلىك ئىشلەتكۈچى يىللىق ئەزالىق ھەققى تاپشۇرۇش ئىشلىتىشنى خالايدۇ؟ پات ئارىدا تەپسىلاتى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.