خىيال تور بېكىتى> خەۋەرلەر> باشقىلار> كۈرۈشماقالە
خۇاۋېي جازالانغانلىقتىن سامسۇڭنىڭ مال چىقىرىش سانى 300 مىلىيۇندىن ئاشتى
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2020-يىل09-ئاينىڭ07-كۈنى

IT ئائىلىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى، كورىيە تاراتقۇسى ETNews نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ 2021-يىللىق يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش كەسپى 300 مىلىيۇندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇ شىركەتنىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى جازالىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.

4445.jpg

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سامسۇڭنىڭ Galaxy S20 نىڭ ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋەتتى. بۇ شىركەتتە بۇ يىلنىڭ بېشىدا سېتىش كاساتلىشىش ئەھۋالى كۈرۈلگەن ئىدى. بىر كەسپى زاتنىڭ ئاشكارلىشىچە، سامسۇڭ يانفۇننىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنى 300 مىلىيۇنغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

2020-يىلى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 260 مىلىيۇنغا يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغانلىقىدىن بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، سامسۇڭ رۇشەنكى خۇۋاينىڭ قىسمەن بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان. خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر: «سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جازلىشى بىلەن كىلەر يىلى خۇاۋېينىڭ يانفۇن مال چىقىرىش مىقدارى بۇ يىلىقىدىن %70 ئازىيىپ كىتىدىكەن» دېدى. 

IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، StrategyAnalycs يېقىندا ئېلان قىلغان دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى سامسۇڭنىڭ ئىپادىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يەرشارى يانفۇن بازىرىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ شىركەت 2020-يىلى يەنىلا %21 كۈچلۈك بازار ئۆلۈشىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئالما بىلەن خۇاۋېي ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }