
I T ئائىلىسى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى « يەر شارى ئېلېكترون تاشلاندۇقلىرىنى كۆزىتىش 2020 » نى ئېلان قىلدى ، دوكلاتتا 2019 - يىلى يەر شارىدا 53 مىليون 600 مىڭ توننا ئېلىكترونلۇق ئەخلەت بارلىققا كەلدى ، بۇ 350 چوڭ تىپتىكى ساياھەت پاراخوتىنىڭ ئېغىرلىقىغا باراۋەر كېلىدۇ .
بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ، ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەت ئۆتكەن بەش يىلدا % 21 ئاشقان ، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىل 74 مىليون توننىغا يېتىپ ، قىسقىغىنە 16 يىلدا بىر قاتلىنىدىكەن . دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەت دۇنيا بويىچە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئائىلە ئەخلىتى بولۇپ ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىستېمال نىسبىتى ، بىر قەدەر قىسقا بولغان ھاياتلىق دەۋرى ۋە رېمونت قىلىشنى تاللاش ناھايىتى ئاز بولغانلىقىدا . دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى : ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتنىڭ سالامەتلىككە ۋە مۇھىتقا زىيىنى بار ، ئۇنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ياكى سىماب قاتارلىق ماددىلار بولۇپ ، ئادەم مېڭىسى ۋە باشقا سىستېمىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ .
ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەت باشقۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق قانات يايدۇرۇلمىدى ، ھەتتا پۈتۈنلەي يوق . دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ، ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورنى ئەتراپىدا دائىم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ، خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ .