خىيال تور بېكىتى> ماقالىلەر> يانفۇن تېخنىكىسى> كۈرۈشماقالە
تىلفۇنىڭىزغا قاچىلىۋېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەپ-دېتاللار
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2020-يىل07-ئاينىڭ19-كۈنى

تورداشلار قاچىلىۋېلىش زۆرۈر بولغان بىر قانچە تۈرلۈك ئەپ-دېتاللارنىڭ تىزىملىكى تۈۋەندىكىچە:

ئەپ-دېتال، ئويۇن ۋە مۇزىكا چۈشۈرۈش يىتەكچىسى:

ئادەتتە، ھەر قانداق تىلفۇن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنى ياسىغاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زاۋۇت تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەپ-بازارلىرىنى تىلفۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنلەرگە ئالدىن قاچىلاپ قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا چىقىرىلغان ئەپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى ئەپ-بازىرىغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلار ئۆزىگە كىرەكلىك ئەپ-دېتاللارنى چۈشۈرگەندە چوقۇم ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپ-بازارلىرىدىن چۈشۈرسە بىخەتەر بولىدۇ.

سوئال: ئۇنداقتا، ئورگان تەرەپ ئەپ-بازىرىنى قانداق بىلىمىز؟ ئۇ ئەپ-بارىزىنىڭ نامى نىمە؟

جاۋاب: ئادەتتە، ھەر قانداق تىلفۇننىڭ ئۆزىدە ئەپ بارىزى بولىدۇ. مەسلەن: شىياۋمى، OPPO ،VIVO، خۇاۋېي، مېيزۇ، سامسۇڭ... دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپ بازارلىرى زاۋۇتتىن چىققاندىلا ئۆزىگە قاچىلانغان بولىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ ئورتاق نامى: 软件商店 بولۇپ، بەزى يانفۇنلاردا 应用市场، 软件超市 دەپمۇ چىقىدۇ.

豌豆荚 ،360 ،百度 ،搜狗 قاتارلىق ئەپ-بازارلىرى بولسا ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ئەپ بازىرى ئەمەس، بىخەتەرلىك جەھەتتىن يەنىلا تىلفۇنىڭىزنىڭ زاۋۇتتىن چىققاندىكى ئەپ-بازىرىدىن چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كۆپ قىسىم تورداشلار بىر قىسىم سالون ۋە توربەتلەردىن كۆرىۋالغان بىر كۇنۇپكا بىلەن سىمسىز تور پارولىنى يىشىش، ئۈندىدار گۈزەللەشتۈرۈش، جەسەت تازىلاش، ئادەم قوشۇش، قىزىل بولاق تۇتۇش، ھەقسىز ئېقىم مىقدارى ئېچىش، ئەخلەت تازىلاش، ئۈندىداردىكى ئەپلەرنى تەكشۈرۈش، ھەقسىز كىنو-فىلىم چۈشۈرۈش... دىگەندەك ئاتالمىش «ھەقسىز» ۋە «كۆپ ئىقتىدارلىق» قۇراللارنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن بىلىپ-بىلمەيلا لۈكچەك دېتاللانى چۈشۈرۈپ سالىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىلدىكى دېتاللار نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.

شۇ سەۋەپلىك، تورداشلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپ-دېتاللارنى قالايمىقان چۈشۈرمەسلىكىنى، چۈشۈرۈشكە تىگىشلىك بولسا ئەڭ ياخشىسى ئورگان تەرەپ ئەپ بازارلىرىدىن چۈشۈرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

دىققەت: ئورگان تەرەپ ئەپ بازارلىرىدىمۇ بەزى يامان غەرەزلىك دېتاللار بار، نىمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى، ئورگان تەرەپتىكى بەزى ئەپ-دېتاللار قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن كىلىپ كىتەلىشى ناتايىن. شۇ سەۋەپلىك، يەنىلا چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن دېتاللارنى چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇنداقتا، تىلفۇنىمىزغا قاچىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئەپ-دېتاللار قايسىلار؟ قايسى ئەپ-دېتاللارنى چۈشۈرسەك بىخەتەر بولىدۇ ھەمدە تىلفۇنىمىزدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنالايمىز؟

جاۋاب: تۈۋەدىكى سىزگە ئەسقاتىدىغان بىر نەچچە خىل ئەپ-دېتاللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

بۇ پەقەت ئاپتورنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى، ئىھتىياجىڭىز بولسا چۈشۈرۈڭ، ئىھتىياجىڭىز بولىمسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىڭ، بۇ پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا تەمىنلەندى، ناۋادا خاتا مەشغۇلات قىلىپ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىكىتىمىز ۋە تەھرىر مەسئۇل بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنىڭ، ناۋادا مەشغۇلات ئۇسۇلىنى بىلەلمىسىڭىز بىلىدىغانلاردىن يارىدەم سوراڭ!

1. ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرى: QQ/ئۈندىدار

2. ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش: Office Suite/WPS

3. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ: 百度输入法

4. توردىن مال سېتىۋېلىش (مالىيە باشقۇرۇش) : 手机淘宝/天猫/支付宝/京东/手机天猫/苏宁网购

5. سالوندىكى كىنو-فىلىملەرنى چۈشۈرۈش: QQ浏览器

6. قاتناش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، جەرىمانە تۆلەش، قائىدىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش: 交管12123

7. سۇڭلۇق سۈرەتكە چۈشۈش: 最美证件照

8. توردىن دەرسلىك ماتىرىيال ئىزدەش، چۈشۈرۈش: 手机百度/百度文库

9. دۆلەت تىلى ئۈگىنىش: 维汉语音翻译助手/维汉翻译/بىلكان لوغىتىV.4.3.1

10. ۋىروس تازلىغۇچ: 手机管家

11. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈش: نۇر تورى/今日头条/新华网

12. سالون باشقۇرۇش: 微小宝

13. تىلفۇنغا كەسىپ بىجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش، كەسىپ سۈرۈشتە قىلىش: 中国移动/中国联通/中国电信

14. ئىھتىياتسىزلىقتىن يۇيۇلۇپ كەتكەن رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: 深度照片恢复

15. ئۈندىدار تازىلاش: 微痕迹/微信清理助手/腾讯文件

16. خەنزۇچە خەتلەرنى رەسىمگە تارتىپلا تىلفۇنغا كىرگۈزۈش: 白描

17. ئېكران سىنغا ئېلىش: 屏幕精灵

18. تور دېسكىسى: 蓝奏云/腾讯微云

19. ئىككىلىك كود گۈزەللەشتۈرۈش: 个性二维码

20.  ھەر قانداق دېتالنى قوش ئېچىش: 超级双开助手

21. فونىت ئالماشتۇرغۇچ: 爱字体

22. تور بانكىسى: 中国工商银行/中国建设银行/中国农业银行

23. توردا قانۇن ئۈگىنىش: 法宣在线

24. ئىلخەت يوللاش: QQ邮箱/126邮箱/163邮箱

25. ناخشا ئاڭلاش-چۈشۈرۈش:  QQ音乐/网易云音乐

26. قىسقا فىلىم كۆرۈش: 抖音/西瓜视频

27. توردا كىنو كۆرۈش: 腾讯视频/优酷/爱奇艺/暴风影音/Kork库看

28. توردا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش: 汽车之家

29. تىلفۇنغا قوڭغۇراق مۇزىكىسى لاھىيلەش، كاراOK ناخشا ئېيتىش: 全民K歌/铃声多多/酷我音乐/酷狗铃声/彩铃多多

30. رەسىم لاھىيلەش: 美图秀秀/轻颜相机

31. توردا خىزمەت تېپىش: 58同城

32. ھەقسىز يول باشلاش: 高德地图/百度地图

33. بالىلار تاپشۇرۇق يارىدەمچىسى: 作业帮

34. تىلفۇن ئېكرانى گۈزەللەشتۈرۈش: 炫彩粒子魔幻3D

35. ئۇسلۇب ۋە خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرغۇچ، خەنزۇچە خەت ئۈستىگە پىنيىن چىقىرىش: OPPO主题商店 /小米主题ۋاقتىمىز市场/vivo主题助手

ناۋادا سىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان، بىخەتەر، قالايمىقان ئېلان چىقىۋالمايدىغان ئەپ-دېتاللار بولسا ئۇلارنىڭ نامىنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا كەلسەك: بۇلارنى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى ئەپ بازارلىرىدىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمىز...


پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }