
ئادەتتە php پىروگرامما تىلىدا تور بەت كودى يازغاندا ياكى تور بەت تەرجىمە قىلىۋاتقاندا بىر كودنى ئۆزگەرتىپ بىر قېتىم توردىكى مۇلازىمىتېرغا يوللاپ سىناق قىلىشىمىز بەكلا ئاۋارىچىلىك ،شۇڭا ئادەتتە بىز php ،🇲ysql ،apache قاتارلىق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ php تور بەت كودىنى ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى ھازىرلىۋالىمىز ،ئەمما php،🇲ysql،apache قاتارلىق سىستېمىلارنى ئايرىم قاچىلاش ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى ئەمدىلا تور بەت ياساشنى ئۈگۈنىۋاتقان ياكى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دوستلار ئۈچۈن بىر قەدەر مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىك. شۇڭا مەن كۆپچىلىككە بۈگۈن بىر دېتالنى ئىلىپ كەلدىم يەنى كومپيۇتېرىڭىزغا مۇشۇ دېتالنى قاچىلىسىڭىزلا نەچچە مىنۇت ئىچىدە كومپيۇتېرىڭىزدا php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىيالايسىز، ئۇ بولسىمۇ phpstudy دېتالى.
مەن تۆۋەندە كۆپچىلىككە phpstudy دېتالىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرىمەن.
phpStudy كومپيۇتېر ياكى مۇلازىمىتېردا ئىشلىتىشكە بولىدىغان PHP ئېچىش مۇھىتى توپلاشتۇرۇلغان يۈرۈشلۈك دېتال بولۇپ، بۇ ئەڭ يېڭى PHP /🇲ysql /Apache /Nginx /Redis /FTP قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر قېتىمدىلا لازىملىق دېتاللارنى ئاپتوماتىك ئورنىتىدۇ ۋە سەپلىمىسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق.
phpStudyنىڭ يېڭى نەشىرىنى قاچىلاش باسقۇچلىرى (32بىتلىق ۋە 64بىتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
بىرىنچى قەدەم phpStudyنى چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: بەيدۇ ياكى 360 تور كۆرگۈچىنىڭ ئىزدەش سىتونىغا phpstudy دەپ كىرگۈسىڭىز نۇرغۇنلىغان چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى چىقىدۇ، ئارىسىدىن ئۆزىمىز تاللاپ ئىشەنچلىك دەپ قارىغان تور بەتتىن phpstudyنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تاپىمىز. ئارقىدىن كومپيۇتېرىمىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان نەشرىنى تاللايمىز. بۇ مىسالدا 64 بىتلىق نۇسخىسىنى قاچىلاش چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئىككىنچى قەدەم: phpStudy دېتالىنىڭ پىرېسلانغان ھۆججىتىنى كومپيۇتېر C دېسكىسىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە پىرېسلانغان ھۆججەتنى يېشىش دېتالى (winrarياكىwinzap) ئارقىلىق يېشىمىز (يېشىش يولىنى ئىختىيارىي قىلالايسىز phpstudyنى تېپىپ ئۇنى ئاچىمىز ۋە phpStudy ئىجرا ھۆججىتىنى چېكىپ قاچىلاشنى ئىجرا قىلىمىز. قاچىلاش يولىنىمۇ خالىغانچە تاللىساق بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنىڭ قايسى دېسكىسىنىڭ سىغىمى چوڭ بولسا شۇنى تاللايمىز).
بۇ يەردە «تېز قوزغىتىش بالدىقى قوشۇش»نى تاللايمىز، بۇ مەشغۇلاتلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئاندىن قاچىلاشنىڭ تاماملىنىشنى ساقلايمىز.
PhpStudy قاچىلانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى كۆرۈنمە يۈزىنى كۆرەلەيمىز:
ئۈچىنچى قەدەم: بۇ ۋاقىتتا بارلىق سەپلىمىلەر قىزىل رەڭلىك ھالەتتە بولۇپ، بۇ مۇلازىمەتنىڭ قوزغىتىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىپ سەپلىمىنى ئېچىش ئۈچۈن «启动» (قوزغىتىش)نى چېكىمىز.
بۇ يەردە بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز Apacheنى باشلىغان بولساق، Nginxنى باشلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. FTP تەڭشەكلىرى تىزىملىكنىڭ سول تەرىپىدىكى [FTP] بېسىپ ئايرىم ھېسابات ۋە مەخپىي نومۇر قۇرۇشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى قەدەم: «تەڭشەك» (设置)نى چېكىمىز، بۇ يەردە بىز apacheغا مۇناسىۋەتلىك سەپلىمىنى ئۆزگەرتەلەيمىز، ھېچقانداق ئالاھىدە ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ يەردىن تور بېكەتنىڭ يىلتىز مۇندەرىجىسىنىڭ «D:/phpstudy_pro/WWW» ئىكەنلىكىنى، ھۆججەتلىرىمىزنىڭ بۇ مۇندەرىجىدە ساقلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
بەشىنچى قەدەم: مۇھىتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەڭشەلگەن-تەڭشەلمىگەنلىكىنى سىنايمىز.
سىناق ھۆججىتىنى يېزىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەھرىرلىگۈچنى ئىشلىتىمىز. بۇ ھۆججەتنى تور بېكەتنىڭ يىلتىز مۇندەرىجىسىدە ساقلايمىز، يەنى «D:/phpstudy_pro/WWW»دا ساقلايمىز ھەمدە ئۇنىڭغا index.phpدەپ ئىسىم قويىمىز. ئاندىن تور كۆرگۈچنى ئاچىمىز، URL بالدىقىغا «localhost/index.php»نى كىرگۈزىمىز ۋە ئىجرا قىلىمىز. نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولسا ئىجرا قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىستېمىنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيمىز.
ئەسكەرتىش: ئەگەر apache مۇلازىمىتىنى ئاچقىلى بولمىسا، بۇ phpstudy ئېغىزنى باشقا سىستېمىلار ئىگىلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، يۇقىرىقىلار ئەڭ يېڭى نەشرىدىكى phpstudy v8نى ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش دەرسلىكى