ئاناركۆل مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 8 كىلومىتىر يىراقلىقتا، ئادەم كۈچى بىلەن قېزىلغان كۆل. ھازىر بۇ ئورۇن ساياھەت مەنزىرە ئورنى قىلىپ بىكىتىلدى. يازلىق مەنزىرە ھەقىقەتەن گۈزەل. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ئايرىم ياسالغان سۇ ئۈزۈش ئورنى تەسىسس قىلىنغان. كاتىر، سۇ موتسىكلىتى قاتارلىقلار تولۇق سەپلەنگەن.