خىيال تور بېكىتى> خەۋەرلەر> يانفۇن> كۈرۈشماقالە
شىياۋمى ساپ ئەندىزە ئىقتىدارى چىقاردى
0 admin يوللانغان ۋاقتى:2021-يىل09-ئاينىڭ23-كۈنى

شىياۋمى MIUI سىستېمىسىدا ساپ ئەندىزە ئىقتىدارىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى،  MIUI ساپ ئەندىزىسى بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى قاچىلاش ئەندىزىسى بولۇپ، خاتا چېكىش، خاتا مەشغۇلات قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ-خەتەر ياكى نامەلۇم ئەپنىڭ قاچىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ. بۇ ئىقتىدارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئاندرويد ئوچۇق مەنبەلىك بولغاچقا تېخىمۇ ئەركىن ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە خەۋپ-خەتەر تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدىغان ھەم تارقىلىدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ قالغان. ھەر كۈنى شىياۋمى ئەپ قاچىلاشنى باشقۇرۇش بىرىكمە دېتالىدىن ئۆتۈپ قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ %40 تى ئەزەلدىن شياۋمىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ باقمىغان، %10تى ئىلگىرى شياۋمىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت دەپ قارالغان ئەپلەر ئىكەن. سېستىمىدا بۇ ئەندىزە ئېچىلغاندىن كېيىن نامەلۇم ئەپلەر، بولۇپمۇ ئۆزگەرتكەن ھەم يېشىپ ھەقسىزلەشتۈرگەن ئەپلەرنى قاچىلاشتىن توسۇشنى تېخىمۇ  چېڭىتىدۇ. ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ خىل ئەندىزىنى ئېچىش ئاچماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بىرىلگەچكە ياقتۇرمىغانلار تاقاپ قويۇپ نورمال ئەپ قاچىلاش ئەندىزىسى بويىچە ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن.

پىكىر بىرىڭ
بىز ھەققىدە- ئالاقىلىشىڭ- قانۇنىي بايانات- ھەمكارلىشىڭ- ھەقسىزلەر بايانى- بىكەت خەرىتىسى- تەرجىمان
بىز ھەققىدە
' if(if_open == 'true'){ $('#article-comment').show() }else{ $('#article-comment').hide() }