
تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى Photoshop نىڭ CC ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىدە ئىشلەڭ
1-ئاۋۋال ئەسلى رەسىمنى ئېچىۋالىمىز.
2-كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl + J نى بېسىپ، بۇ قەۋەتنى بىر نۇسخا كۆچۈرۋالىمىز.
3-ئەمدى قانال تاختىسى(通道)غا ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى قەۋەتلەرنى بىردىن چېكىپ كۆرۈپ باقىمىز. قايسى قەۋەتتە سەپكۈن ئىزى كۆرىنەرلىك رۇشەن بولسا شۇ قەۋەتنى بىر نۇسخا كۆچۈرۋالىمىز.
4-ئەمدى ئۈنۈم تىزىملىكىدىكى (滤镜) باشقىلار (其他) تۈرىدىكى يۇقىرى تەتۈر پەرق (高反差保留) تۈرىنى تاللاپ، قىممىتىنى 10 قىلىپ بېكىتىمىز.
5- رەسىم (图像) تىزىملىكىدىكى ھېسابلاش (计算) نى چېكىپ، ھېساپلاش كۆزنىكىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز. بۇ يەردىكى ئارلاشما (混合) دېگەن تۈرنىڭ قىممىتىنى چوقۇم كۈچلۈك نۇر (强光) قىلىپ تەڭشەڭ. بۇ مەشغۇلاتنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشلەيمىز.
6- ئەمدى Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Alpha3 دېگەن قەۋەتتە مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تاللىنىدۇ. ئاندىن Ctrl+Shift+I بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قارشى تەرەپنى تاللاش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز.
7- قەۋەت () تاختىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆچۈرۋالغان قەۋەتنى بىر قېتىم چېكىۋىتىپ، ئەگرى سىزىق تەڭشەش تۈرىنى قوشىمىز. قىممىتىنى مۇۋاپىق بىكىتىمىز.
8-نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك